ئىستانبۇلدا تۇتقۇندىكى ئەدىبلەرگە ئاتالغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، 14-ماي ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇتقۇن قىلىنغان ئەدىبلەرگە ئاتالغان «مەن ئاق بايراق ئەمەس: ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا چاقنىغان يۇلتۇزلار» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

فاتىھ سۇلتان مۇھەممەد ئۇنىۋېرسىتېتى توپكاپى يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىنىغا ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن مېھمانلار ئىشتىراك قىلغان. يىغىننىڭ باشلىنىشىدا بىر قىسىم مېھمانلار كۆڭۈل سۆزى قىلغاندىن كېيىن، يىغىنغا ئىشتراك قىلغان تۈرك تەھرىرلەر، نەشرىيات مەسئۇللىرى ۋە مېھمانلارغا يىغىننىڭ مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى تونۇشتۇرۇلغان. ئاندىن مەرھۇم شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «مەن ئاق بايراق ئەمەس» ناملىق شېئىرى دېكلاماتسىيە قىلىنغان.

يىغىندا ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار ئۆزلىرى تەييارلاپ كەلگەن ماقالىنى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا سۇنغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر داستانى «ياچىبەگ داستانى» ئورۇنلانغان.  ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە مەۋجۇتلۇق تېمىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر ئەدىبلىرى دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەر بايان قىلىنىپ ئۆتۈلگەن. يىغىندا يەنە مېھمانلارغا دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى نەشر قىلدۇرغان ياكى تەييارلىغان كىتابلار تەقدىم قىلىنغان، سېتىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، يىغىنغا قاتناشقان يازغۇچى ۋە ئاكادېمىكلارنىڭ ماقالىلىرىدىن كىتاب تەيييارلىنىپ، بۇ يىل نەشر قىلىنىدىكەن.

بۇ خەۋەر 1508 قېتىم كۆرۈلدى
17/05/2022 19:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق