قورچاق ئەمەلدارلار خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا تىرىشماقتا

شەرقىي تۈركىستاندىكى قورچاق ئەمەلدار ۋە ئاتالمىش مۇتەخەسسىسلەر ئالدىنقى جۈمە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، جازا لاگېرىغا قامالغان تۇتقۇنلار ھەققىدە بىلجىرلاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇندى.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈگۈرۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى خەلقئارادا پاش بولۇپ، بىر قىسىم ھۆكۈمەت ۋە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ خىتاينى ئەيىبلىشى بارغانچە كۈچەيگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۈرلۈك ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي دائىرىلىرى خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن كېلىۋاتقان ئەيىبلەشلەرگە قارشى، تەكرارلاپ كېلىۋاتقان ھىيلە-نەيرەڭلىرىنى قايتا ئىشقا سېلىپ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچقان ۋە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت»نىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۈ گۈيشياڭ، باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن قورچاق رەئىسى ئېلدوس مۇرات، تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇدىرى قەيسەر ئابدۇكېرىم قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا چىقارغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، قورچاق ئەمەلدار ئېلدوس مۇرات مۇخبىرلارغا بىلجىرلاپ: «ئامېرىكىدىكى خىتايغا قارشى بەزى كۈچلەر شىنجاڭدا كەڭ كۆلەمدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى يولغا قويدى، دېگەننى ئويدۇرۇپ چىقاردى. ئەمەلىيەتتە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئامېرىكىدا مەۋجۇت» دەپ جار سالغان.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى قەيسەر ئابدۇكېرىم ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشى ھەمدە ئىنسان ھەقلىرى ئورگانلىرىنىڭ دەلىللىشى ئارقىلىق ئاللىبۇرۇن ئىسپاتلىنىپ چىقىلغان خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى «مەجبۇرىي ئەمگەك سېلىش»، «يۇرتىدىن سۈرگۈن قىلىش» قاتارلىق جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكىنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە داۋالاش تېخنىكىسىغا ئىگە تۇرۇپ، خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ۋە ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ قالغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئوخشاشلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ھۇجۇم قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەر خەلقئارا جەمئىيەت شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلىپ يېتىپ، خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان تېررور سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىبلەۋاتقان، شۇنداقلا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارىنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى يېقىنلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي رېجىمىنىڭ جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن يالغان تەشۋىقاتلارنى قاتتىق كۈچەيتكەنلىكىنى، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاينىڭ جىنايەتلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىشى ۋە تەشۋىقاتنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1300 قېتىم كۆرۈلدى
17/05/2022 19:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق