پاكىستاندا خىتايغا قارشى ھۇجۇم ئەمەلگە ئاشمىدى

ئالدىنقى ئايدا پاكىستاندىكى كاراچى ئۇنىۋېرسىتېتى كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن، ئۈچ خىتاي ئۆلگەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ۋەقەسىدىن كېيىن، بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسى خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى تۈرىگە ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، ئەمەلگە ئاشماي قالغان.

خىتاي خەلق تورىنىڭ خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ھەربىي ئىشلار قانىلى ئېلان قىلغان خەۋەرنى نەقىل قىلىپ بىلدۈرۈشىچە، 16-ماي پاكىستاننىڭ بىخەتەرلىك تارماقلىرى خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى تۈرىدىكى ئاپتوموبىل ئەترىتىنى ئۆزى بىلەن قوشۇپ پارتلاتماقچى بولغان بىر ئايالنى قولغا ئالغان.

ئامېرىكا ABC خەۋەرلىرى تورىنىڭ پاكىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىي رايونىدا قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان خىتايلارغا پىدائىيلىق ھۇجۇمى قىلماقچى بولغان بىر ئايالنى قولغا ئالغان.

مەزكۇر قولغا ئېلىش ۋەقەسىنى بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسى بايانات ئارقىلىق ئېلان قىلغان. باياناتتا دېيىلىشىچە، قولغا ئېلىنغان مەزكۇر ئايال بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئەزاسى ئىكەن. مەزكۇر تەشكىلات 26-ئاپرېل كاراچى ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىتايلارغا قارىتىلغان ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ۋەقەسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسى ئۆتكەن يىلى 20-ئاۋغۇستمۇ پاكىستاننىڭ بەلۇجىستاندىكى گىۋادار چېگرا ئېغىزىنىڭ شەرقىي قولتۇقى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تۈرىدە قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان خىتاي ئىشچىلىرىنى ئېلىپ ماڭغان ماشىنا ئەترىتىنى ئۆزى بىلەن قوشۇپ پارتلاتقانىدى. ۋەقەدە بىر خىتاي يارىلىنىپ، ئىككى خىتاي ئۆلگەن ۋە نۇرغۇن كىشى يارىلانغانىدى.

خىتاينىڭ پاكىستاندىكى قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇم پىلانى ئەمەلگە ئاشماي، ئۇلارنىڭ پىدائىيسى قولغا ئېلىنىپ بىر سائەت ئۆتكەندە، پاكىستان باش مىنىستىرى شەھباز شەرىف بىلەن خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ بىر نەچچە سائەت تېلېفوندا پاراڭلاشقان. سۆھبەتتە شەھباز شەرىف 4-ئايدا كاراچىدا يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەسى سەۋەبلىك خىتايدىن ھال سورىغان ھەمدە پاكىستاندا ئىشلەۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىنى ئەڭ يۇقىرى بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 712 قېتىم كۆرۈلدى
17/05/2022 19:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق