خىتاي 48 خەتلىك قارارىدا ئىسلامغا قارشى سىياسىتىنى قايتا تەكىتلىدى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارىنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى ھارپىسىدا، خىتاي ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى» 10-نۆۋەتلىك كومىتېتنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىپ، ئاتالمىش «شىنجاڭ 48 خەتلىك قارارى»نى ماقۇللىغان بولۇپ، قاراردا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش» قاتارلىق تېررور سىياسەتلىرىدە چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى قايتا تەكىتلىدى.

خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 14-مايدىن 15-مايغىچە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى» 10-نۆۋەتلىك كومىتېتنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىنى ئاچقان بولۇپ، يىغىندا ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى باستۇرۇش سىياسىتىنى قايتا تەكىتلەپ: «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ئەمەلىي، جانلىق، ئۈنۈملۈك، ياخشى ئىشلەپ، ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر يولغا قويۇش كېرەك» دەپ جار سالغان ۋە شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش، دىننى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، كەلگۈسىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ھەرخىل رەزىل ۋاسىتىلەر ۋە تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ماددىي، مەنىۋى مەدەنىيىتىنى چەكلەپ، ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ جەرياندا ئاتالمىش «مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش» قاتارلىق تېررور سىياسەتلىرىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلەشلىرىگە قارىماي، يەنىلا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىر پارچىسى بولغان ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، دىنىي باستۇرۇش سىياسىتىدىن قىلچە ۋاز كەچمەي داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1263 قېتىم كۆرۈلدى
18/05/2022 13:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق