ئامېرىكىدىكى چېركاۋدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمنى بىر خىتاي سادىر قىلغان

ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى بىر چېركاۋدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇم ۋەقەسىنى سادىر قىلغۇچى تەيۋەنلىك بىر كۆچمەن خىتاي بولۇپ، ئۇنىڭ سىياسىي ئۆچمەنلىك سەۋەبلىك بۇ ۋەقەنى پىلانلىغانلىقى مەلۇم بولغان. خىتاينىڭ ئورگان تاراتقۇلىرى بولسا بۇ مەسىلىنى تىلغا ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.

ب ب س نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ساقچى دائىرىلىرى 15-ماي كالىفورنىيەدىكى تەيۋەنلىك ئامېرىكا گىراژدانلىرى دائىم بارىدىغان بىر چېركاۋدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇم ۋەقەسىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان بىر تەيۋەنلىك كۆچمەن خىتاي تەرىپىدىن سادىر قىلىنغانلىقىنى، ئۇنىڭ تەيۋەن ۋە تەيۋەن خەلقىگە بولغان سىياسىي ئۆچمەنلىكى تۈرتكىسىدە ئوق چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

68 ياشلىق جوۋ ۋېنۋېي لوس ئانژېلېسنىڭ ئەتراپىدىكى لاگۇنا ۋودسقا جايلاشقان بىر چېركاۋىنىڭ ئىشىكنى قۇلۇپلاپ، قۇلۇپنىڭ تۆشۈكىنى يىلىم بىلەن ئېتىۋەتكەن. ئەينى ۋاقىتتا تەيۋەنلىكلەرنىڭ بىر خىرىستىيان جەمئىيىتى مەزكۇر چېركاۋنىڭ زالىنى ئىجارىگە ئېلىپ پائالىيەت ئۆتكۈزۈۋاتقان بولۇپ، ئەتىگەنلىك ئىبادەتتىن كېيىن بىرلىكتە تاماق يەۋاتقانىكەن. تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ دېيىشىچە، جوۋ ۋېنۋېي ئىككى تاپانچا بىلەن ئوق چىقىرىشتىن ئىلگىرى چېركاۋنىڭ ئەتراپىغا بىر نەچچە خالتا پارتلاتقۇچ دورا ۋە زاپاس ئوقلارنى يوشۇرۇپ قويغان.

ساقچى ئەمەلدارى بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئەتراپلىق تەييارلىق قىلغان. ئالدى بىلەن ئوق چىقىرىش ئورنىنى تاللىغان ھەمدە ئۆي ئىچىگە پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى قويغان. ئەگەر پۇرسەت بولغان بولسا، ئۇ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلاتتى» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر خىتاي لاس ۋىگاستىكى بىر ئامانلىق قوغدىغۇچى بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ پىلانلىق ھۇجۇم ھەرىكىتى خىتاي بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي جىددىيچىلىكتىن نارازى بولۇش ۋە سىياسىي ئۆچمەنلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ھۇجۇم جەريانىدا بىر خىتاي دوختۇر ئۇنى قورالسىزلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇش جەريانىدا ئوق تېگىپ ئۆلگەن. ئەمما بۇ جەرياندا باشقىلار قاتىلنى بويسۇندۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ، ئارغامچا بىلەن قاتىلنى باغلىۋالغان. ئۇندىن باشقا ھۇجۇمدا يارىلانغان باشقا بەش كىشى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ ھەممىسى تەيۋەنلىك ئامېرىكا گىراژدانلىرى ئىكەن.

ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈپ بايقىشىچە، مەزكۇر جىنايەتچى تەيۋەن مۇستەقىللىقىغا قارشى خىتايلاردىن بىرى ئىكەن. نۆۋەتتە ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان جىنايەتچى قاتىللىق قاتارلىق بىر يۈرۈش جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن بولۇپ، ئېغىر بولغاندا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 784 قېتىم كۆرۈلدى
18/05/2022 13:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق