باچېلېتنىڭ ئۇزۇن ئۆتمەي شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىنى باشلايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشىل باچېلېتنىڭ باياناتچىسى ئۇنىڭ ئۇزۇن ئۆتمەي شەرقىي تۈركىستان ۋە گۇاڭجۇدا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى، ئەمما بېيجىڭغا بارمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېتنىڭ باياناتچىسى لىز تىروسېل 17-مايدىكى باياناتىدا باچېلېتنىڭ پات يېقىندا شەرقىي تۈركىستان ۋە گۇاڭجۇدا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى، ئەمما بېيجىڭنى زىيارەت قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، باچېلېتنىڭ خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك بېيجىڭنى زىيارەت قىلمايدىغانلىقىنى، ئەمما زىيارەت مەزگىلىدە خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتقان. باياناتتا يەنە بۇ قېتىملىق زىيارەتنىڭ تەخمىنەن ئالتە-يەتتە كۈن داۋاملىشىدىغانلىقى، ئۇنىڭ تىبەتكىمۇ بارمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىنىڭ بەش كىشىلىك گۇرۇپپىسى خىتايغا بېرىپ، باچېلېتنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىگە تەييارلىق قىلىشقا باشلىغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەينى ۋاقىتتا باچېلېتنىڭ زىيارەت مەقسىتىنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

مىشېل باچېلېت مارت ئېيىدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى بىلەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىش ۋە ئۇ يەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى دوكلات تەييارلىغان بولۇپ، مەزكۇر دوكلات بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى تاماملانغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە ئېلان قىلىنماي كەلگەن. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، دىپلوماتلار ۋە باشقا ئەربابلار دوكلاتنىڭ دەرھال ئېلان قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان. ئەمما باياناتچى تىروسېل مەزكۇر دوكلاتنىڭ باچېلېتنىڭ  سەپىرىدىن بۇرۇن ئېلان قىلىنمايدىغانلىقىنى، قاچان ئېلان قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق ۋاقىت بېكىتىلمىگەنلىكىنى ئېيتقان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 692 قېتىم كۆرۈلدى
18/05/2022 13:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق