ھىندىستاندا ئەسەبىي ھىندى مۇرىتلىرى مەسچىت كۆيدۈردى

ھىندىستاننىڭ مەديا پىرادېشت ۋىلايىتىدىكى مۇسۇلمانلارغا قارشى ئەسەبىي ھىندى دىنى مۇرىتلىرى 17-ماي نېمۇخ شەھىرىدىكى بىر مەسچىتكە ئوت قويغان.

ھىندىستان سىياسەت كۈندىلىك خەۋىرىنىڭ 17-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىر توپ زوراۋان ھىندى مۇرىتى نېمۇخ شەھىرىنىڭ موخاللا رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىبادەت ئورنىغا ھۇجۇم قىلدى، دەپ گۇمان قىلىنغان. ئوت قويۇلغان مەسچىت دەرۋازىسىنىڭ تېمىغا يەنە بۇت قويۇپ قويۇلغان بولۇپ، يەرلىك ساقچىلىرى ۋەقەدىن كېيىن بۇ رايوندا كوچىغا چىقىشنى چەكلىگەن.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى سىنلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ۋەقەدىن كېيىن بىر نەچچە ئەسەبىي ھىندى مۇرىتىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى سەۋەبلىك، بىر توپ ھىندى مۇرىتلىرى كوچىدا قالايمىقانچىلىق چىقارغان.

ساقچى خادىملىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئەسەبىي ھىندى مۇرىتلىرى مەسچىتىگە ئوت قويغاندىن، باشقا يەنە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆيلىرىگە تاش ئاتقان. نەتىجىدە ۋەقە جەريانىدا بىر نەچچە مۇسۇلمان ياش يارىلانغان. نېمۇخ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تىۋىتتېر ھېسابىدا ۋەقەنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ھەمبەھرىلىگەن.

توپىلاڭ يۈز بەرگەن رايوندىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇت ئورنىتىلغان رايونغا يېقىن بىر جايدا ئىككى توپ ئوتتۇرىسىدا تالاش-تارتىش پەيدا بولغان بولۇپ، يەرلىك بىخەتەرلىك دائىرىلىرى ئۇلارنى كونترول ئۆيىگە چاقىرىپ، ئىككى تەرەپ تالاش-تارتىش قىلغان مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بىر قىسىم ھىندى مۇرىتلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆيلىرىگە تاش ئاتقان ۋە بىر قىسىم ماشىنىلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان ھەمدە كىشىلەردىن ئۆيدە تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. نۆۋەتتە ساقچى دائىرىلىرى جەمئىيەتنى قالايمىقان قىلىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان ياكى بۇ خىل ئەسەبىي ھەرىكەتكە خۇمار بولۇپ قالغان ھەر قانداق كىشىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3904 قېتىم كۆرۈلدى
19/05/2022 15:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق