تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى ئىسلام دۇنياسىغا چاقىرىق قىلدى

«دۇنياۋى ئادالەت چاقىرىقى» تېمىسىدىكى ئىسلام دۇنياسى قانۇن قۇرۇلتىيىغا ئىشتىراك قىلغان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى ئىسلام دۇنياسىنى شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى مەسىلىسىدە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىردى.

خەلقئارا قانۇنشۇناسلار بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 19-مايدىن 22-مايغىچە كونيادا ئېچىلغان «دۇنياۋى ئادالەت چاقىرىقى» تېمىسىدىكى ئىسلام دۇنياسى قانۇن قۇرۇلتىيىدا، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈردى.

يىغىندا سۆز قىلغان ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى. ئارقىدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بېرى ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، جۈملىدىن ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارنى ۋەھشىيانە باستۇرۇش، مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئۇ نۇتقىدا يەنە خىتاينىڭ ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى باستۇرۇش قىلمىشلىرىغا ئىسلام دۇنياسىنىڭ سۈكۈت قىلغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ئىسلام دۇنياسىنى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1392 قېتىم كۆرۈلدى
24/05/2022 14:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق