ئەنگلىيە مەسچىت ۋە ئىسلامىي مەكتەپلەرنى قوغداشقا خىراجەت ئاجراتتى

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا ئەنگلىيەدە ئۆچمەنلىك جىنايىتى ئەۋج ئالغانلىقى سەۋەبلىك، مەسچىت ۋە ئىسلام دىنى مەكتەپلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ياخشىلاش ئۈچۈن 24 مىليون 500 مىڭ فوندستېرلىڭ ئاجراتقان.

ئەنگلىيەدىكى مەسئۇل ئەمەلدارلارنىڭ ئېيتىشىچە، 2020-يىلدىن 2021-يىلغىچە ئەنگلىيەدە ساقچىلار خاتىرىلىگەن دىنىي ئۆچمەنلىك جىنايىتىنىڭ %45ى مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان.

ئەنگلىيە بىخەتەرلىك ئىشلىرى ۋەزىرى دامىيان ھىندس بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مەزكۇر خىراجەتنىڭ دۇئا-تىلاۋەت سورۇنلىرى، مەكتەپ ۋە كوچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىشقا ئاجرىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە بۇ پۇللارنىڭ دۇئا-تىلاۋەت سورۇنلىرىغا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى، بۇ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئوخشىمىغان كۆز قاراشتىكى ئېتىقادچىلارنىڭ خاتىرجەم پائالىيەت قىلىش ھوقۇقىنى قوغداش ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

باياناتتا ئېيتىلىشىچە، بۇ مەبلەغنى كۆزىتىش كامېراسى ئورنىتىش، ئەتراپقا بىخەتەرلىك رېشاتكىسى ئورنىتىش، ئەسلىھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكنى قوغداش خادىملىرىنى سەپلەش ھەمدە مەسچىتلەرگە بىخەتەرلىك خادىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق بىر يۈرۈش بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن.

باياناتتا دېيىلىشىچە، بۇ سىياسەت ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالارنى قوغداش ۋە ئۇلارنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداش ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئەمەلىي ئىپادىسى ئىكەن. ئۇندىن باشقا ئەنگلىيە يېقىندا باشقا دىنىي جەمئىيەتلەرگە 3 مىليون 500 مىڭ فوندستېرلىڭ خىراجەت ئاجرىتىپ، ئۇلارنى ئۆچمەنلىك جىنايىتى قىلمىشلىرىنىڭ نىشانى بولۇپ قېلىشتىن ھىمايە قىلغان.

مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۆچمەنلىكنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنى قوللايدىغان «تېل ماما» جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى بۇ ھەقتە: «نازارەت قىلىش مۇلازىمىتى ئارقىلىق بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەتنىڭ قوشۇمچە قوللىشىغا جىددىي ئېھتىياج بار» دېگەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ جەمئىيەت ئىزچىل تۈردە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۆچمەنلىك جىنايى قىلمىشلىرىنى نازارەت قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئىسلام ئورگانلىرى ۋە مەسچىتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوشۇمچە قوللاشنى تەلەپ قىلغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3778 قېتىم كۆرۈلدى
25/05/2022 18:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق