ئىستانبۇلدا «يوشۇرۇلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق» تېمىسىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

خىتاينىڭ يېقىندا ئاشكارىلانغان مەخپىي ھۆججەتلىرى خەلقئارادا كۈنتەرتىپكە كەلگەن بىر پەيتتە، پۈتۈن دۇنيا خەلقىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا چاقىرىش مەقسىتىدە، 26-ماي خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا زور كۆلەملىك نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىشنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەشكىللىگەن بولۇپ، مىڭلىغان نامايىشچىلار بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئاشكارىلانغان تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرەتلىرى چۈشۈرۈلگەن پىلاكاتلارنى كۆتۈرگىنىچە، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق توختىتىلسۇن» دەپ تۈرلۈك شوئارلارنى توۋلىدى. ئالدى بىلەن تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ دۆلەت مارشلىرى ئوقۇلغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى نۇرىددىن ئىزباسار خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالىتەن دۇنيا خەلقىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى «يوشۇرۇلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق»نى توختىتىشقا چاقىرىق قىلىپ، بايانات ئوقۇپ ئۆتتى.

باياناتتا خىتاي رېجىمىنىڭ 2013-يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرى تەسىس قىلىشقا باشلىغانلىقى، لاگېر ۋە تۈرمىلەردە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ھالدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەنلىكى، يېقىندا ئاشكارىلانغان كوناشەھەر ھۆججەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى دۇنياغا پاكىتلىق ھالدا ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكى، ئەمما خىتاينىڭ تەشۋىقات كۈچى، يالغان تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

نۇرىددىن ئىزباسار باياناتىدا يەنە يېقىندا ئاشكارىلانغان جىنايەت پاكىتلىرىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ۋىجدانىغا سىگنال بېرىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بارلىق خەلقئارا جەمئىيەت ۋە دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ  شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشقا ھەمدە خىتاينى خەلقئارا ئادالەت سوتىغا تارتىپ، تېگىشلىك جازا بېرىشكە چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىس ۋەكىلى مەھمۇدجان داموللام ئەرەب-ئىسلام ئەللىرىگە خىتاب قىلىپ، ئۇلارنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى. ئۇ باياناتىدا قەشقەر ۋىلايىتىدىكى بىر كىچىك ناھىيەدە نۇرغۇن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ چوڭ-كىچىك، قېرى-ياش دېمەستىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى مەخپىي ھۆججەتنىڭ ئاشكارىلانغانلىقىنى، بۇ ھۆججەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئىسپاتلايدىغان روشەن پاكىت ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» باھانىسى بىلەن، ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلغانلىقىنى، بۇ مەسىلىدە ئىسلام ئەللىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە ئەرەب-ئىسلام ئەللىرىنىڭ قىيامەت كۈنى بۇ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان-قىلمىغانلىقى ھەققىدە سوراققا تارتىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ئۇلارنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىجرا قىلىۋاتقان ۋەھشىيانە جىنايەتلىرىگە سۈكۈت قىلماسلىققا، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قوللاشقا چاقىردى.

ئارقىدىن يەسەۋىي ئالپەرەنلەر جەمئىيىتى رەئىسى كۈرشات مىجان سۆز قىلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى، خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، ئەمما تۈرك-ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەسلىدە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھەممىدىن بۇرۇن ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن ئۇيغۇر مويسىپىتلىرىدىن مەھمۇد توختى ئەمىن سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى لەڭگەر يېزىسىدىن ئىكەنلىكىنى، يېقىندا ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر ئارقىلىق غاپپار توختى، بارات توختى ئىسىملىك ئىككى ئوغلى ۋە ئارزۇگۈل ئىسىملىك بىر نەۋرىسىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2017-يىلى ۋە 2018-يىلى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى ۋە شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتايغا قارشى ئويغىنىشقا چاقىردى.

ئاخىرىدا ئۆسمۈرلەردىن رەشىدە ياسىن تۈركچە قىسقا يازمىسىنى ئوقۇپ، خىتاينىڭ ھەتتا كىچىك مەسۇم بالىلارغا ۋە بوۋاي-مومايلارغىمۇ «تېررورچى» دەپ تۆھمەت قىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ زىيانكەشلىكلىرىنى، جىنايەتلىرىنى ھەرگىز كەچۈرمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

24-ماي BBC دا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار خەۋەردە خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ كومپيۇتېر ئارخىپلىرىدىن ئېرىشىلگەن بىر تۈركۈم ئۇچۇرلار ئاشكارىلانغان بولۇپ، جازا لاگېرىدىكى 2900 غا يېقىن ئۇيغۇرنىڭ سۈرەتلىرى، شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ جازا لاگېرىدىن قېچىشقا ئۇرۇنغانلارنى ئىككىلەنمەي ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ھەققىدە چۈشۈرگەن بۇيرۇقلىرى كۆرسىتىپ بېرىلگەنىدى ۋە خەلقئارادا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1570 قېتىم كۆرۈلدى
26/05/2022 16:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق