پىرېزىدېنت ئالىي مەسلىھەتچىسى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە پىرېزىدېنت ئالىي مەسلىھەتچىسى دوكتور ئىسرافىل كىشلا ئەپەندىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى بىر ھەيئەت 31-ماي خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلات بىرلىكىگە ئەزا بىر قىسىم تەشكىلات ۋە ۋەقفىلەرنى زىيارەت قىلدى.

ھەيئەت پىرېزىدېنت ئالىي مەسلىھەتچىسى دوكتور ئىسرافىل كىشلا، ئىنسان ۋە مەدەنىيەت ھەرىكىتى ئالىي مەسلىھەت كېڭىشى رەئىسى مەھمەت گۈنەي ۋە يېڭى دۇنيا ۋەقفى رەئىسى مەھمۇد گۆكسۇ قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، سەفاكۆي رايونىغا جايلاشقان بىر قىسىم شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىشخانىلىرىنى زىيارەت قىلدى.

مېھمانلارنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەفقى رەئىسى دوكتور ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى مەھمۇدجان داموللام، كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇرېھىم ئەزىزئوغلى قاتارلىق تەشكىلات رەھبەرلىرى كۈتۈۋالدى.

سۆھبەت جەريانىدا تەشكىلات رەھبەرلىرى دوكتور ئىسرافىل كىشلاغا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ قىيىنچىلىق ئەھۋالى ھەمدە ئۇلارنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن كۈتۈۋاتقان ئۈمىدلىرىنى يەتكۈزدى.

مېھمانلارغا يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ  نۆۋەتتىكى ئومۇمىي ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، جۈملىدىن ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ۋەھشىيانە تېررور سىياسىتى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلدى.

تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت شۇ كۈنى يەنە ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ماۋى مارمارا ئەركىنلىكى يۈرۈشى»گە قاتناشتى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1559 قېتىم كۆرۈلدى
01/06/2022 14:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق