5-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسىنىڭ تەييارلىق يىغىنى ئېچىلدى

2-ئىيۇن ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدا «5-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى» ۋە «14-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى»نىڭ تەييارلىق مەسلىھەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ئەزا قېرىنداش تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، ۋەكىللىرى قاتناشتى. مەسلىھەت يىغىنىدا ئالدىنقى نۆۋەتلىك قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە مىللىي بىرلىك شۇراسىدا بىرلىككە كېلىنگەن قارارلار ۋە خىزمەتلەر خۇلاسىلەندى. ئارقىدىن بۇ يىل ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان «5-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى» ۋە «14-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى»غا ئالاقىدار خىزمەت ۋە كۈنتەرتىپلەر مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىن ئىشتىراكچىلىرى بۇ ھەقتىكى تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى» ۋە «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى» شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان يىللىق يىغىن بولۇپ، ھەر قېتىملىق يىغىنغا مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەر ساھە يېتەكچىلىرى، ئاكادېمىكلىرى، ئالىم-ئۆلىمالىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرى ئىشتىراك قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقى دۇچ كەلگەن كىرىزىسلار ۋە ئۇنى ھەل قىلىش چارىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ كەلمەكتە ۋە زۆرۈر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 1738 قېتىم كۆرۈلدى
02/06/2022 14:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق