ئىستانبۇلدا خەلقئارالىق شەرقىي تۈركىستان مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ

ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان ۋە ئىسلام دىنىغا «ۋابا، تەھدىت، ئەسەبىيلىك» سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىۋاتقان، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىي سىمۋوللىرىنى ۋەيران قىلىپ، بارلىق ئىبادەتلىرىنى، ئىسلامىي تەلىم-تەربىيەنى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى چەكلەۋاتقان، شەرقىي تۈركىستاندا مۇسۇلمان بولۇپ ياشاشنىڭ بارلىق ئىمكانىيەتلىرىنى يوقىتىۋاتقان بىر پەيتتە، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى بۇ جىددىي مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ توختىتىلىشى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۈممەتنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە قوغدىلىشى ۋە قوللاشقا ئېرىشىشى ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارغا چاقىرىق قىلىش مەقسىتىدە، ئىستانبۇلدا «خەلقئارالىق شەرقىي تۈركىستان مۇھاكىمە يىغىنى» ئورۇنلاشتۇردى. مۇھاكىمە يىغىنىغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۆلىمالار، مۇپتىلار، تەتقىقاتچىلار، سىياسەتچىلەر، دۆلەت ئەربابلىرى، تەسىرى كۈچلۈك پائالىيەتچىلەر ۋە مۇخبىرلار ئىشتىراك قىلىدۇ.

10-ئىيۇن سائەت 14:00 تىكى ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن يەنە ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىغا دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى باش كاتىپى دوكتور ئەلى قاراداغى، تونۇلغان مۇتەپەككۇر دوكتور ئابدۇلكەرىم بەككار، دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى مەجلىس ئەزاسى ۋە مىسىرنىڭ سابىق دىنى ئىشلار ۋەزىرى مەسلىھەتچىسى دوكتور مۇھەممەد سەغىر، كۇۋەيت پارلامېنتى سابىق پارلامېنت ئەزاسى دوكتور ۋەلىد تابتابائى، كۇۋەيت پارلامېنتى سابىق پارلامېنت ئەزاسى دوكتور مۇھەممەد ھايىف ئەلمەتىرى، تۈركىيەدە تونۇلغان ئالىملاردىن شەيخ ھەسەن بەسرى بالجى، ئىلىم ۋە پىكىر تەتقىقات مەركىزى قۇرغۇچىسى دوكتور ئېھسان شەنئوجاك، شەيخ جۈببەلى ئەھمەد خوجا، ئامېرىكىدىن قانۇن پىروفېسسورى ۋە يازغۇچى دوكتور خالىد بەيدۇن، ئەنگلىيەدىكى قۇرتۇبە تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە رەئىسى دوكتور ئەنەس تىكرىتى، ئەنگلىيەدىكى ئىسلامىي تەشكىلاتلار مەجلىسى ئەزاسى، تونۇلغان دەۋەتچى دوكتور ھەيسەم ھەدداد، ھىندونېزىيەلىك داڭلىق ئالىم دوكتور داۋۇد راسىيد، مالايشىيا كەلانتان ۋىلايىتى مەجلىسى رەئىسى دوكتور ئابدۇللاھ ياقۇب، مىللىي گۆرۈش باش مەسلىھەتچىسى مۇھەممەد تۇرھان، شام ئۆلىمالىرى بىرلىكىنىڭ رەئىسى ۋە سۇرىيە باش مۇفتىسى شەيخ ئۇسامە رىفائى، ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە جامائەت ئەربابى، «ھەممەيلەن ئۈچۈن ئادالەت» ۋە «ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزايلى» ھەرىكەتلىرىنىڭ قۇرغۇچىسى، شۇنداقلا «Muslim Networks TV»نىڭ قۇرغۇچىسى ئىمام ئابدۇلمالىك مۇجاھىد، سۇداننىڭ سابىق دىنىي ئىشلار مىنىستىرى ۋە داڭلىق ئالىم دوكتور ئىسام ئەلبەشىر ۋە دوكتور ھامىد ئىدرىسىي قاتارلىقلار قاتنىشىدۇ ۋە سۆز قىلىدۇ.

مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 10-ئىيۇن (جۈمە) سائەت 14:00 دە ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىغا جايلاشقان «زەيتىنبۇرنۇ كۈلتۈر ۋە سەنئەت مەركىزى»دە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىغا تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 2040 قېتىم كۆرۈلدى
08/06/2022 18:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق