ئىستانبۇلدا خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىكى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇلدا «ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن تەھدىت: خىتاي كېڭەيمىچىلىكى» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

مۇھاكىمە يىغىنى 4-ئىيۇن ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى، تۈرك ئوجاقلىرىنىڭ ئىستانبۇل شۆبىسى، خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى قاتارلىق جەمئىيەتلەرنىڭ ھەمكارلىقىدا تۈرك ئوجاقلىرى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن.

يىغىنغا ئالاقىدار تەتقىقاتچىلار، پائالىيەتچىلەر ۋە بەزى ئىجتىمائىي تەشكىلات رەھبەرلىرى ئىشتىراك قىلغان.

يېغىنىدا ژۇرنالىست خالىس ئۆزدېمىر، پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت، دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى، دوكتور ئالىي چاقسۇ قاتارلىقلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى» نى خەلقئارادا قانداق قىلغاندا كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى قانداق تەشۋىق قىلىش مەسىلىلىرى ھەققىدە ھەرخىل تەكلىپلەرنى بەرگەن.

يىغىندا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئاساسىي تېما قىلىنغان بولۇپ، مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق نۆۋەتتە خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى» نى توختىتىش ئۈچۈن بۇ مەسىلىنى خەلق ئاممىسىغا كەڭ-كۆلەملىك ئاڭلىتىش، ھەمدە ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش كېرەكلىكى، شۇنداقلا ئاخباراتلاردا كۆپلەپ كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن. ئۇندىن باشقا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارا قانۇنشۇناسلارنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈش كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1421 قېتىم كۆرۈلدى
09/06/2022 15:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق