تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتىنىڭ ئەنقەرەدىكى ئۇچرىشىشى ئۈنۈملۈك ئاياغلاشتى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى 15-ئىيۇن ئەنقەرەدە تۈركىيە مۇئاۋىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئىسمايىل چاتاقلى ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، سودا، ئوقۇش ئىشلىرىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەھەتتە يەنە بىر ئۈنۈملۈك ئۇچرىشىشتا بولدى.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى مەزكۇر ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مۇئاۋىن رەئىسى سىراجىدىن ئەزىزى، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى رەئىسى دوكتور ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى پەتىۋا بۆلۈمى مەسئۇلى دوكتور ئالىمجان بۇغدا، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتىدىن ئادىل مۇھەممەدئوغلى قاتارلىقلاردىن تەشكىللەندى.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ يېقىندىن مەزگىللەردە تۈركىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن قايتا-قايتا كۆرۈشۈپ ئىلتىماس قىلىشى نەتىجىسىدە، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۈركىيە پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىش قارارىنى چىقارغان بولۇپ، بۇ قارار بىر نەچچە ھەپتىدىن بېرى رەسمىي ئىجرا باسقۇچىغا كىرگەن.

ھەيئەت بۇ قېتىملىق كۆرۈشۈشتە پۇقرالىق ئىلتىماسىنىڭ تېخىمۇ ئاسانلىشىشى ۋە تۈركىيەدىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ پۇقرالىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىشىنى نىشان قىلغان ھالدا، بۈگۈن تۈركىيە مۇئاۋىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئىسمايىل چاتاقلى ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇچرىشىش جەريانىدىكى سۆھبەت نەتىجىسىدە، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قىيىنچىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، بىر قاتار قارارلارنى چىقارغان.

تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈركىيەدە ئىقامەت بىلەن ياشاۋاتقان بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلار تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، نوپۇس ئىدارىسى ئىش تەرتىپىگە ئاساسەن، نۆۋەت بويىچە چاقىرىپ ئىلتىماس قوبۇل قىلىدىكەن.

پۇقرالىق ئىلتىماسى جەريانىدا تەييار قىلىش ئىمكانىيىتى بولغان ماتېرىياللارلا تەلەپ قىلىنىدىكەن. توي خېتى، تۇغۇت ئىسپاتى قاتارلىق مۇھىم ماتېرىياللارنى تەييارلاش ئىمكانىيىتى بولمىسا، نوپۇس ئىدارىسى تەمىنلىگەن ئىلتىماس جەدۋىلىنى تولدۇرۇپ تاپشۇرسا بولىدۇ. ماتېرىيال كەملىكى سەۋەبلىك پۇقرالىق ئىلتىماسى رەت قىلىنىدىغان ئەھۋال بولمايدىكەن. بۇ جەرياندا ئارىغا ئادەم قويۇش، نۆۋەتنى ئالدىغا سۈرۈش ئۈچۈن بېدىك ئىزدەش قاتارلىق نامۇۋاپىق ئۇسۇللارنى قوللىنىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن ھەم تامامەن چەكلىنىدىكەن.

ئۇندىن باشقا تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتا تۈركىيەدىن باشقا دۆلەتلەردە خەۋپ ئىچىدە تۇرۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىش، ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ھەققىدە ئىلتىماس سۇنغان. شۇنداقلا تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ باشقا سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تەلەپلىرىنى مۇناسىۋەتلىك ئورگان ۋە شەخسلەرگە يەتكۈزگەن.

ھەيئەت يەنە ئەنقەرە نوپۇس ۋە گىراژدانلىق باش مۇدىرلىقىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، مەزكۇر ئورگاننىڭ باش مۇدىرى شەفىق ئايگۆل ئەپەندى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللار بىلەن شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلىرىنىڭ تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشىش مەسىلىسى ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ھەيئەت زىيارەتتىن بۇرۇن يەنە كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلەشمە بۆلۈمىنىڭ رەئىسى گۆكخان ئاقيىلدىزنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئەنقەرەدىكى مەركىزىدە كۈتۈۋالغان بولۇپ، سۆھبەت جەريانىدا مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئالاقىدار مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1395 قېتىم كۆرۈلدى
15/06/2022 23:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق