خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇلاڭ-تالاڭنى كۈچەيتىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتتى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈرلۈك ئېنېرگىيە بايلىقلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتقان.

ئۇقتۇرۇشتا ھەرقايسى ۋىلايەت-شەھەرلەر ۋە ئېنېرگىيە كارخانىلىرىنىڭ ئېنېرگىيە تۈر سېلىنمىسى سالمىقىنى زورايتىش ئۈچۈن كۆمۈر كانلارنىڭ ئەلا سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇشى كېرەكلىكى، تەستىقلانغان كۆمۈر كان تۈرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، «14-بەش يىللىق پىلان»دىكى كۆمۈر كان تۈرىنىڭ ئالدىنقى قارارلىق خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكى، ئالدىنقى قاراردا زاپاس كۆمۈر كان تۈرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشقا مەدەت بېرىش، خىتاينىڭ كۆمۈر تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكى بايان قىلىنغان.

ئۇقتۇرۇشتا يەنە يېڭى ئېنېرگىيەنى كۆلەملەشتۈرۈپ ئېچىشنى تېزلىتىش كېرەكلىكى، خىتاي دائىرىلىرى ئوتتۇرىغا قويغان يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار ۋەزىپىسىنى چىڭ تۇتۇش كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.

ئۇندىن باشقا ئۇقتۇرۇشتا يەنە يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئۈرۈمچىنىڭ شىمالىدىكى II قايتما، فېڭخۇاڭ-ياجۇڭ II قايتما، ياجۇڭ-داۋانچىڭ II قايتما قاتارلىق توك يەتكۈزۈش-بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، خوتەندە تىرەك خاراكتېرلىك كۆمۈر ئېلېكتىر تۈرىنى يولغا قويۇش، نېفىت-تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىش، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش، جۇڭغار، تارىم ۋە تۇرپان-قۇمۇلدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ نېفىت-تەبىئىي گاز ئويمانلىقىنى چارلاش-ئېچىش سالمىقىنى زورايتىش، خىتايغا نېفىت-تەبىئىي گاز توشۇش تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار تەكىتلەنگەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئېنېرگىيە ئىدارىسى بۇلتۇر يىل بېشىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئالتە كۆمۈر ئېچىش بازىسى قۇرۇلۇشى تۈرىگە مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغان. بۇنىڭدا ئومۇمىي سېلىنما جەمئىي سەككىز مىليارد يۈەن بولۇپ، يىللىق قۇرۇلۇش كۆلىمى جەمئىي 15 مىليون 300 مىڭ توننىغا يېتىدىكەن.

يېقىندىن مەزگىللەردە خىتاي ۋىرۇسى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سودا ساھەسىدە خىتايغا قاراتقان ئېمبارگولىرى ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن تەبىئىي ئاپەتلەر قاتارلىق ئامىللار سەۋەبلىك خىتاي ئىقتىسادىدا چېكىنىش بولغان. خىتاي ئۆز ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

كۆزەتكۈچىلەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىنىڭ ئىشغالىيەتچى خىتاي تەرىپىدىن ئىزچىل تۈردە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىۋاتقانلىقىنى، ھەر كۈنى مىليون توننىلاپ بايلىقنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇلۇۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يەنىلا قاتتىق نامراتلىق ۋە موھتاجلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ماس ھالدا، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنىمۇ داۋاملىق كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1484 قېتىم كۆرۈلدى
16/06/2022 13:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق