قاتار خىتاينىڭ بېسىمىغا قارىماي تىزىملاش سىستېمىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى

قاتار دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىنىڭ مەسئۇل دائىرىلىرى چەت ئەللىك تاماشىبىنلارنى تىزىملاش سىستېمىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، «خىتاينىڭ تەيۋەن ئۆلكىسى» دېگەن تاللاشنى «تەيۋەن» دەپ ئۆزگەرتتى.

2022-يىللىق دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ساھىبخانى بولغان قاتارنىڭ ئالاقىدار دائىرىلىرى مۇسابىقە بېلىتى سېتىۋالغان چەت ئەللىك تاماشىبىنلاردىن يەنە ۋىزا سۈپىتىدە ئىشلىتىدىغان مەخسۇس كارتا ئىلتىماس قىلىشنى تەلەپ قىلغان. مەزكۇر كارتىنى ئىلتىماس قىلىدىغان تور بەت سىستېمىسىدا «خىتاينىڭ تەيۋەن ئۆلكىسى» دېگەن تاللاش بار بولۇپ، بۇ تەيۋەن دائىرىلىرى ۋە خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەن ھۆكۈمىتى 15-ئىيۇن قاتارنىڭ ئالاقىدار دائىرىلىرىگە نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ خاتالىقنىڭ ئەمەلىيەتتە تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى كەمسىتكەنلىك بولىدىغانلىقىنى، تەنتەربىيەنى سىياسىيلاشتۇرماسلىق كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

شۇ كۈنى كەچتە مەزكۇر تىزىملاش سىستېمىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، «تەيۋەن» دەپ ئايرىم بىر تاللاش قوشۇلغان، شۇنداقلا يېنىغا تەيۋەن بايرىقىمۇ قىستۇرۇلغان. تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، قاتارنىڭ ئالاقىدار دائىرىلىرىگە رەھمىتىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇنى ئاكتىپ ئىلگىرىلەش، دەپ سۈپەتلىگەن.

نۆۋەتتە قاتار ھۆكۈمىتىمۇ باشقا كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە ئوخشاشلا تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتمىغان بولۇپ، بۇ خىل شارائىت ئاستىدا تەيۋەنگە مۇستەقىل دۆلەت سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 766 قېتىم كۆرۈلدى
16/06/2022 14:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق