باچېلېت: زىيارەت جەريانىدا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشەلمىدىم

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېت شەرقىي تۈركىستاندىكى زىيارىتى جەريانىدا تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلار ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن كۆرۈشەلمىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.

نۆۋەتتە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 50-قېتىملىق يىغىنى جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، مۇھاپىزەتچى گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېت 15-ئىيۇن يىغىندا شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلار ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن كۆرۈشەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

باچېلېت سۆزىدە قەشقەردە بىر تۈرمىنى ۋە جازا لاگېرىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى، بۇ جەرياندا ئۇ يەردىكى مەسئۇللار بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، ئەمما تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن كۆرۈشەلمىگەنلىكىنى، زىيارەت جەريانىدا خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ باشتىن-ئاخىر ئۇنىڭ يېنىدىن ئايرىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە بۇ قېتىملىق زىيارىتىنىڭ تەكشۈرۈش ئەمەسلىكىنى، يۇقۇم سەۋەبلىك چەكلىمىلىك داۋاملاشقانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن.

باچېلېت بۇ يىل 23-مايدىن 28-مايغىچە داۋاملاشقان خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى جەريانىدا قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىدىكى بىر نەچچە ئورۇننى يېپىق تەرىقىدە كۆزدىن كەچۈرگەنىدى. ئۇنىڭ زىيارەتتىن كېيىنكى باياناتىمۇ كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىغان بولۇپ، تەنقىد قىلغۇچىلار ئۇنى خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ئاقلاشقا ياردەم بەردى، دەپ ئەيىبلىگەنىدى. كۈچلۈك تەنقىدكە دۇچ كەلگەن باچېلېت بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ۋەزىپە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، قايتا ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

نۆۋەتتە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى ئىشخانىسى شەرقىي تۈركىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە تەييارلىغان دوكلاتىنى داۋاملىق كېچىكتۈرۈۋاتقانلىقى سەۋەبلىك، كۈچلۈك تەنقىدكە دۇچ كەلمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 927 قېتىم كۆرۈلدى
17/06/2022 12:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق