تەيۋەن ھەققىدە ئەڭ ئەتراپلىق قانۇن لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ئامېرىكىنىڭ ئىككى كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە بولغان قوللىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى نىشان قىلىپ، نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئەتراپلىق قانۇن لايىھەسى، دەپ قارالغان يېڭى بىر قانۇن لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، «2022-يىللىق تەيۋەن سىياسىتى قانۇنى» ناملىق مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى بوب مېنېندېز بىلەن كېڭەش پالاتا ئەزاسى لىندسى گىرھام 16-ئىيۇن بىرلىكتە ئوتتۇرىغا قويغان.

قانۇن لايىھەسى تەيۋەننى نەچچە مىليارد دوللار قىممىتىدىكى بىخەتەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلەش، نەچچە ئون يىل بولغان كونا قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش، تەيۋەن دائىرىلىرى بىلەن غەيرىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىق تەلەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، 1979-يىلى ئىمزالانغان «تەيۋەن مۇناسىۋىتى قانۇنى»دىن بۇيانقى تەيۋەنگە ئالاقىدار ئەڭ ئەتراپلىق قانۇن لايىھەسى، دەپ قاراشقا بولىدىكەن.

قانۇن لايىھەسىدە يەنە ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە ھەرقانداق تەرىقىدە تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتى قوزغىسا، خىتايغا ئېغىر جازا يۈرگۈزۈش، كەلگۈسى تۆت يىل ئىچىدە تەيۋەننى 4.5 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ھەربىي ياردەم بىلەن تەمىنلەش، ناتو سىرتىدىكى ئاساسلىق ئىتتىپاقداش دەپ بېكىتىش قاتارلىق مەزمۇنلار قەيت قىلىنغان.

بوب مېنېندېز بۇ ھەقتە توختىلىپ، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ خىتايغا «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىدەك خاتا يولغا دەسسەپ سالماسلىق»تىن ئىبارەت بىر ئېنىق سىگنالنى يەتكۈزىدىغانلىقىنى، ئەگەر ئامېرىكا خىتاينىڭ تەيۋەنگە تەھدىت سېلىش ۋە تاجاۋۇز قىلىشىغا قاراپ تۇرسا، خەتەرنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر ئىككى كېڭەش پالاتا ئەزاسى قانۇن لايىھەسىنى كېڭەش پالاتاسىغا سۇنۇش ئۈچۈن، كېلەر ھەپتە كومىتېتتا ئاۋازغا قويىدىكەن. بۇ قانۇن لايىھەسىدىن خەۋەردار بىر ئەمەلدار بايدېن ھۆكۈمىتى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قانۇن لايىھەسىدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلاردىن بىئارام بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، چۈنكى ئۇلار بۇنىڭ خىتاينىڭ غەزىپىنى قوزغىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1018 قېتىم كۆرۈلدى
17/06/2022 14:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق