تۈركىيەدىكى ھەرقايسى ئانا تىل يەسلىلىرى ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

15-ئىيۇن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ زەيتىنبۇرنۇدىكى قۇرئان كۇرسى ۋە ئانا تىل يەسلىسى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 2021-، 2022-يىللىق ئوقۇش باسقۇچى ئاخىرلىشىش مۇناسىۋىتى بىلەن، ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدىكى ئاق دېڭىز زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىم قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن يەسلى مۇدىرى خۇرشىدە ئارتىش خانىم ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، بىر يىللىق ئوقۇتۇش ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە دوكلات بەردى.

مۇراسىمدا يەنە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ باش ئىجرائىيە ھەيئىتى ئەزاسى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق مەجلىس ئەزاسى دوكتور رەشىدە يۈكسەل خانىم سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئوقۇغۇچىلارغا خىتاب  قىلىپ: «سىلەر بىزگە ئۈمىد بېغىشلىدىڭلار، ئۈمىدىمىزنى ئاقلاشتىن توختاپ  قالماڭلار. ھەقىقىي بايلىق مال-دۇنيا ئەمەس، بەلكى توغرا بولغان قىممەت قاراشتۇر. بۇ قىممەت قاراش سىلەرنىڭ ئەخلاقىڭلار، ئۆزۈڭلارغا بولغان ئىشەنچىڭلار، بىلىمىڭلار ۋە ئەركىنلىكىڭلار بولۇپ، ئۇنى ھېچكىم سىلەردىن ئېلىۋالالمايدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار مۇراسىم داۋامىدا ئىسلام ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن شېئىرلار ۋە ناخشىلارنى ئوقۇپ، سەرخىل نومۇرلارنى كۆرسەتتى. ئارقىدىن ئوقۇغۇچىلار قۇرئان تىلاۋىتى قىلدى. مۇراسىمدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ھاياتى تەسۋىرلەنگەن مەخسۇس فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن، ئاتا-ئانىلار ئوقۇتقۇچىلارغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ گۈل تەقدىم قىلدى، شۇنداقلا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغىمۇ سوۋغات تەقدىم قىلىندى. ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى، دىنى، ۋەتىنى، خەلقى ئۈچۈن ياراملىق كىشىلەردىن بولۇپ يېتىلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىندى.

16-ئىيۇن سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفىنىڭ قىزلار قۇرئان كۇرسى ۋە ئانا تىل يەسلىسى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 2021-، 2022-يىللىق ئوقۇش باسقۇچىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان ئىلىم ۋە تەتقىقات ۋەقفى زالىدا ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىم ئۆسمۈرلەرنىڭ قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار ئېچىلىش سۆزى قىلدى. ئۇ نۇتقىدا خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان ئېچىنىشلىق بىر پەيتتە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيەلەشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى، بىر جەمئىيەتنىڭ ساپاسىنىڭ قانداق بولۇشىدا ئاتا-ئانىنىڭ ۋە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. دوكتور ئاتاۋۇللاھ يەنە يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىغا خىتاب قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇلاردەك پىداكار ئوقۇتقۇچىلارغا موھتاج ئىكەنلىكىنى، ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدىكى تەربىيەنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى، ئوقۇتقۇچىلار شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۈمىدى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قارىھاجىم  سۆز قىلىپ، ئۆسمۈرلەرنى تەربىيەلەشتە جاپا چېكىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى، نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بالىلار تەربىيەسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى قۇرئان كۇرسى ۋە ئانا تىل يەسلىسى مۇدىرى رەنا ئۇيغۇر خانىممۇ سۆز قىلىپ، ئالدى بىلەن يەسلىدە جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارغا رەھمىتىنى بىلدۈردى. ئارقىدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ 2021-، 2022-يىللىق ئوقۇتۇش ئەھۋالى ۋە ئالاقىدار خىزمەتلەر ھەققىدە قىسقىچە دوكلات بەردى.

ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار مۇراسىم داۋامىدا ئىسلام ئەقىدىسى، شەرقىي تۈركىستان تارىخى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن شېئىرلار ۋە قوشاقلارنى ئوقۇپ، سەرخىل نومۇرلارنى ئورۇنلىدى ۋە قاتناشقۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

مۇراسىمدا ئاتا-ئانىلار ئوقۇتقۇچىلارغا رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ گۈل تەقدىم قىلغاندىن سىرت، قارىيلىقنى تاماملىغان ئۈچ قىزغا تاج كىيدۈرۈلۈپ، نەق پۇل مۇكاپات بېرىلدى.  ئۇندىن باشقا قۇرئان كەرىمنى ئوقۇپ تۈگەتكەن ۋە ئۇيغۇر تىلى ساۋاتىنى چىقارغان ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارغا بايراق چۈشۈرۈلگەن مېداليون، قىزلارغا مەخسۇس تەييارلانغان تاج كىيدۈرۈلدى. ئاخىرىدا مۇراسىم ئوپچە دۇئا قىلىش بىلەن ئاخىرلاشتى.

ئۇندىن باشقا سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى كونيا شۆبىسىمۇ 16-ئىيۇن ئانا تىل يەسلىسى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىنى دالا پائالىيىتى تەرىقىسىدە ئۆتكۈزدى. مۇراسىمدا ئوقۇغۇچىلار بالىلارغا خاس ئويۇنلارنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن مۇكاپات ۋە سوۋغاتلار تەقدىم قىلىندى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1678 قېتىم كۆرۈلدى
17/06/2022 14:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق