مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا

شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئاتاقلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى، خوتەن ئىنقىلابىنىڭ باش قوماندانى، يېقىنقى زامان شەرقىي تۈركىستان تارىخىدىكى «ئۈچ ئەپەندى» دەپ تونۇلغان ئەپەندىلەرنىڭ ئىككىنچىسى، دىنىي ئالىم مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا 1901-يىلى خوتەن شەھىرى ئىچىدىكى خەلىپىلىك ھويلا مەھەللىسىدە ئوتتۇرھال ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن.

دادىسى فەرىددىن ھاجىم خوتەننىڭ مۆتىۋەر دىنىي ئالىملىرىدىن بولۇپ، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ كىچىك چېغىدىلا ۋاپات بولۇپ كەتكەن. ئۇ تۆت ئوغۇل، ئىككى قىز قېرىنداشلىرى بىلەن ئانىسى سېكىنە بانۇ خانىمنىڭ تەربىيەسىدە چوڭ بولغان. 21 يېشىدا خوتەن ۋە قاراقاشتىكى مەدرىسىلەردە يۈكسەك دىنىي ئىلىم ئوقۇشىنى تاماملىغان. 1922-يىلىدىن 1933-يىلىغىچە خوتەن ۋە قاراقاشتا قۇرئان تەپسىرى ۋە ھەدىس ئىلىملىرىدە باش مۇدەررىسلىك قىلغان. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا يۇقىرى ئىلمىي قابىلىيىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاتاقلىق ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر دىنىي زاتلىرىغا بېرىلىدىغان «ھەزرىتىم» ئۇنۋانى بىلەن ئاتالغان.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ياش چېغىدىن باشلاپلا ئۇيغۇرچە، ئەرەبچە ۋە پارسچە شېئىرلارنى يېزىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ شېئىرلار توپلىمىدا ئەرەبچە ۋە پارسچە شېئىرلارنى خېلى كۆپ ئۇچرىتىمىز. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئۆزىنى ھەرۋاقىت زامانىۋى ئىلىملەر بىلەن يېتىشتۈرۈشكە تىرىشقان. شۇ دەۋرلەردە تەشەببۇس قىلىنغان «مائارىپتا يېڭىلىققا كۆچۈش» ھەرىكىتىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن. ئۇ مائارىپتا يۈرگۈزۈلگەن يېڭىلىق ۋە ئىسلاھاتچىلىق تەرەپدارى بولغانلىقى تۈپەيلىدىن، شۇ زاماننىڭ مۇتەئەسسىپ كىشىلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ۋە چەتكە قېقىشىغا ئۇچرىغان.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا قاراقاشتا ياش مۇدەررىس ۋە تالىپلارنى تەشكىللەپ، شەرقىي تۈركىستاننى تاجاۋۇزچى، مۇستەملىكىچى خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئىشغالىيىتىدىن قانداق قۇتۇلدۇرۇش يولىدا چارە-تەدبىر ئىزدىگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىشنى ئالدى بىلەن ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىش بىلەن باشلىغان. ئۇ ئەتراپىدىكى ناھايىتى يېتەرسىز ۋە ئاز ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىشتىن باشقا، خوتەندىن ھىندىستانغا بېرىپ-كېلىپ تۇرىدىغان سودىگەرلەر ۋە ئەرەبىستانغا بارىدىغان ھاجىلار بىلەن تاغىسىنىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەرنى قىزىقىپ ئاڭلاپ، بۇ كىشىلەر چەت ئەلدىن ئېلىپ كەلگەن گېزىت-ژۇرناللارنى ئوقۇپ، بىلىمىنى ئاشۇرۇپ، دۇنيا ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغان.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان. ئۇ 1930-يىلى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇھىم شەھەرلىرىنى ئايلىنىپ چىقىپ، بۇ جايلاردىكى خىتاي رېجىمىنىڭ كۈچى ۋە خەلقنىڭ روھىي ھالىتى قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىيەتنى ئۆزى بىۋاسىتە كۆزەتكەن، دىنىي ۋە سىياسىي جەھەتتە مۆتىۋەر سابىت داموللام (1883-1941) قاتارلىق زاتلار بىلەن كۆرۈشۈپ پىكىرلەشكەن. نەتىجىدە خىتاي ئىشغالىيىتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇ ۋەزىيىتىدە قوراللىق مىللىي ئىنقىلابتىن باشقا چارە يوق، دېگەن تونۇشقا كەلگەن. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا 1930-يىلى خوتەندە بىر يوشۇرۇن «مىللىي ئىنقىلاب كومىتېتى» تەشكىلاتى قۇرۇپ چىققان.

1933-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن سابىت داموللام ئۆز ئادەملىرىنى ئوۋ مىلتىقى، قىلىچ، چوماق قاتارلىق قوراللار بىلەن قوراللاندۇرۇپ، قاراقاش ناھىيەسىدىكى خىتاي يامۇلىغا ھۇجۇم قىلىپ، چاقماق تېزلىكىدە غەلىبە قازانغان. نەتىجىدە 4-ئاينىڭ 5-كۈنى خوتەندە «خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى» قۇرۇلغان. بۇ ھۆكۈمەتكە مۇھەممەت نىياز ئەلەم دېگەن كىشى دىنىي داھىي، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا باش قوماندان، سابىت داموللام ئالىي مەسلىھەتچى، سۈپۈرگە ھاجىم مەسلىھەتچى، قۇربان ھاجىم ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ سايلانغان. بۇ ۋاقىتتىن باشلاپ مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا «ئەمىر ھەزرىتىم» ئۇنۋانى بىلەن، چەت ئەلدە بولسا «خوتەن ئەمىرى» دېگەن نام بىلەن تونۇلغان.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا 1934-يىلىنىڭ ئاخىرىدا مىلىتارىست تۇڭگان ماخۇسەننىڭ ھۇجۇملىرىدا مەغلۇپ بولۇپ، ھىندىستانغا ھىجرەت قىلىدۇ. ھىندىستان ۋە ئافغانىستاننىڭ شەرقىي تۈركىستانغا چېگراداش بولغان پامىر ۋە ۋاخان تاغلىق رايونلىرىدا قوراللىق يىغىلىش ۋە يۇرتقا قايتىش پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، «ئابدۇللاخان ياركەندى» دېگەن ئىسىمنى قوللىنىدۇ. ئۇ ئافغانىستان ۋە كەشمىرنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تۇتاش بولغان «بۇرۇغىل» جىلغىسىغا ئورۇنلىشىپ، بۇ يەردىن پارتىزانلىق ئۇرۇشى بىلەن بىر قىسىم زېمىن ئىگىلەپ، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشنى پىلانلايدۇ. ئۇ ۋاخان قەبىلىلىرى بىلەن قورال سېتىۋېلىش ئۈچۈن كېلىشىم تۈزەپ، كېلىشىم بويىچە تەخمىنەن بىر مىليون سەر كۈمۈش تۆلەيدۇ. لېكىن «ۋاخان» قەبىلىلىرىنىڭ كېلىشىمگە خىيانەت قىلىشى بىلەن سېتىۋالغان قوراللار ۋە ۋەدە قىلىنغان باشقا ياردەملەر قولغا كەلمەيدۇ.

ئۇ يىللاردا غەربىي تۈركىستاننى بېسىۋالغان رۇسلار ۋە ھىندىستاندا ئەۋج ئېلىۋاتقان مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىدىن قاتتىق ئەندىشىگە چۈشكەن ئىنگلىزلار ئۆز چېگرالىرى ئەتراپىدا پەيدا بولغان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ھەرىكىتىدىن چۆچۈپ كېتىشى تەبىئىي ئىدى. بىتەرەپلىك سىياسىتى ئىجرا قىلىۋاتقان ئافغانىستان ھۆكۈمىتىمۇ بۇ ھەقتە ئەندىشىلىك ئىدى. نەتىجىدە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىر يىل داۋام قىلغان چېگرادىكى ئاكتىپ ھەرىكەتلىرىنى توختىتىپ، ئافغانىستانغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ ۋە 1942-يىلىغا قەدەر كابۇل شەھىرىدە سىياسىي مېھمان سۈپىتىدە ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شەرقىي تۈركىستان تارىخى ھەققىدە ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ ۋە تۆت يىللىق جاپالىق ئەمگەك نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەتراپلىق بىر تارىخ كىتابى بولغان «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك كىتابىنى يېزىپ پۈتتۈرىدۇ.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ بۇ ئەسىرىنى يازغانلىقىغا ھازىر يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت بولغان بولسىمۇ، ئالدى بىلەن مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ)، كېيىن كوممۇنىست خىتاي (گۇڭچەنداڭ) رېجىمى ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىچى ھاكىمىيىتى ئۈچۈن بۇ ئەسەرنى ئەڭ چوڭ خەۋپ، دەپ تونۇپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتى يالقۇنلىغانسېرى، ئۇلارنىڭ بۇ ئەندىشىلىرى تېخىمۇ كۈچەيمەكتە.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى سەۋەبلەردىن بىرسى ئىنقىلاب قوشۇنىدا زامانىۋى بىلىمگە ئىگە كىشىلەرنىڭ يوق دېگۈدەك ئاز ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەنلىكتىن، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىق ياشلاردىن بىر نەچچىسىنى ئافغانىستانغا ئېلىپ كېلىپ، پەننىي مەكتەپلەردە ئوقۇتىدۇ ۋە بۇلاردىن بەزىلىرىنى تۈركىيەگە ئەۋەتىپ، ھەربىي مەكتەپلەردە ئوقۇتىدۇ.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئافغانىستاندا تۇرۇۋاتقان ۋاقىتتا (1940-يىلى) ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن مىللەتچى خىتاي مۇسۇلمانلىرى دوستلۇق ھەيئىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئافغانىستانغا كېلىدۇ. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، خىتاي رېجىمى بىلەن ئالاقە قىلىش يوللىرى ھەققىدە ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن ئۇزۇن مۇزاكىرە قىلىپ، بىر پىكىرگە كېلىشىدۇ. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا خاتىرىسىدە بۇ مۇزاكىرىنى مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئىيسا بەگدىن جياڭ جېشى (1887-1975) قاتارلىق خىتاينىڭ مۇھىم رەھبەرلىرىگە خەت يېزىپ ئەۋەتتىم. بىر مەزگىلدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىدىن مېنىڭ ھىندىستانغا كېلىپ خىتاي-تۈركىستان ئورتاق مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىمغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ جاۋاب خەت كەلدى...».

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا 1942-يىلى ھىندىستاننىڭ پىشاۋۇر شەھىرىگە كېلىدۇ. بۇ قېتىم كالكۇتتادىكى خىتاي ئەلچىسى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشىغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى ۋە چاپسانراق خىتايغا كېتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا خىتايغا بېرىشنى رەت قىلىدۇ. نەتىجىدە 1942-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 15:00 تە ھىندىستاندىكى ئىنگلىز دائىرىلىرى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانى «خەتەرلىك ئۇنسۇر» دەپ قولغا ئېلىپ، پىشاۋۇر مەركىزىي تۈرمىسىگە قامايدۇ. ئۇ 1943-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى خىتايغا بېرىش شەرتى بىلەن قويۇپ بېرىلىدۇ.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا 1945-يىلىغا قەدەر چۇڭچىڭدا (خىتاينىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى پايتەختى) تۇرىدۇ. بۇ مەزگىلدە خىتاي ئىستىلاچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى بىلەن يۈزمۇ-يۈز تۇرۇپ، سىياسىي مىللىي ئىنقىلاب قىلىدۇ، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي ئازادلىق دەۋاسىنى ئاڭلىتىدۇ. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئۆزىنىڭ كېلىشىدىن ئىلگىرى خىتايغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان سەپداشلىرى دوختۇر مەسئۇت سابىرى بايقۇزى (1887-1952)، ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن (1901-1995)، قادىر ئەپەندى سامانى ۋە ئىسمائىل ئەپەندى قاتارلىقلار بىلەن «يۇرتداشلار جەمئىيىتى»نى قۇرۇپ، سىياسىي ساھەدە بىرلىكتە كۈرەش قىلىدۇ. ئۇ خىتاي خەلقىگە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇش، ھۆكۈمەت بېشىدىكى مىللەتچى خىتاي پارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان «چوڭ خىتاي مىللەتچىلىك» سىياسىتىنى پاش قىلىش ۋە ئۇنىڭغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىتاي نەشرىيات، ئاخبارات ئورگانلىرىدا، خىتايچە چىقىدىغان گېزىت-ژۇرناللاردا ماقالىلەرنى ئېلان قىلىدۇ. بۇ ماقالىلەر خىتاي خەلقى ئىچىدە خېلى تەسىر قوزغايدۇ.

قەلەم كۈرىشى داۋامىدا ئەڭ كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان ماقالىلىرى بولسا 1944-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى چۇڭچىڭدا چىقىدىغان مىللەتچى خىتاي رېجىمىنىڭ ئورگان گېزىتى «داگۇڭباۋ» دا ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭ ئەمەس، شەرقىي تۈركىستان» ۋە «شەرقىي تۈركىستانلىقلار تۈركتۇر» دېگەن ماۋزۇلاردىكى ماقالىلەر ئىدى. ئىلمىي بەس-مۇنازىرە تەرىقىسىدە داۋام قىلغان بۇ ماقالىلەر مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئاتاقلىق مىللەتچى خىتاي تارىخ ئالىمى لى دۇڭفاڭنىڭ «داگۇڭباۋ» گېزىتىدە ئېلان قىلغان شەرقىي تۈركىستاننى خىتاينىڭ بىر پارچىسى، دەپ ئوتتۇرىغا قويغان ماقالىسىغا رەددىيە بېرىپ يېزىلغانىدى. ئۇنىڭ ئىلمىي ئاساستا ۋە پۈتۈنلەي خىتاي تارىخى ماتېرىياللىرىنى پاكىت قىلىپ، رەددىيە بەرگەن بۇ ماقالىلىرى ئالدىدا لىدۇڭفاڭ جاۋابسىز قالىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش ئىلمىي ۋە ئاشكارا مۇنازىرىلەر خىتاينىڭ داھىيسى سۇنجۇڭسەننىڭ (1866-1925) ئوغلى دوختۇر سۇن باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ھېسداشلىق قىلىدىغان بىر گۇرۇپپىنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ. خىتاينىڭ ئاتاقلىق ئالىملىرىدىن تارىخشۇناس جيەنبوزەن (ئەسلى مىللىتى ئۇيغۇر)، تىلشۇناس گومورو ۋە ما جۇڭيىڭلار مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانى يوقلاپ كېلىپ تەبرىكلەيدۇ ۋە ھېسداشلىق قىلىدۇ.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا 1943-يىلى خىتاينىڭ ئاساسى قانۇن تۈزۈپ چىقىش قۇرۇلتىيىغا سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تەكلىپ لايىھەسىنى سۇنىدۇ. بۇ تەكلىپ لايىھەسىنىڭ مۇھىم ماددىلىرىدا «شىنجاڭ» دېگەن سۆزنى «تۈركىستان» دەپ تۈزىتىشىنى ھەمدە تۈركىستان خەلقىنىڭ «تۈرك» ئىكەنلىكىنى ئوچۇق-ئاشكارا ۋە ئېنىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

1945-يىلى خىتايدا يالغۇز بىر پارتىيە ھاكىمىيەت بېشىدا بولغان تۈزۈمدىكى مىللەتچى خىتاينىڭ چوڭ قۇرۇلتىيىدا خىتاينىڭ باشلىقى شەرقىي تۈركىستانغا قارشى قارار چىقارماقچى بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا مەجلىستىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، مەجلىسنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشنى قارار قىلىدۇ. بۇ چاغدا مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا قىلچە ئىككىلەنمەستىن خىتاينىڭ باشلىقى قاتناشقان قۇرۇلتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، چىقىپ كەتكەن. بۇ ئەھۋال خىتاينىڭ قۇرۇلتايلىرىدا بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ئەھۋال ئىدى. ئۇ بۇ ۋەقە ھەققىدە خاتىرىسىگە مۇنداق دەپ يازغان: «مەجلىس باشلاندى. مەن مەجلىس رەئىسى ئولتۇرغان سەھنە ئالدىغا كەلدىم. يىغىن زالىغا بىر قاراپ چىقتىم ۋە ئۇدۇل ماڭغان پېتىم زالدىن يىغىننى تاشلاپ چىقىپ كەتتىم. پۈتۈن ۋەكىللەر ماڭا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قېلىشتى. بۇ بىر نارازىلىق نامايىشىغا ئوخشاش ھەرىكەت ئىدى. مەندەك يالغۇز بىر كىشىنىڭ مەجلىسنى تەرك ئېتىشىمگە باشقىلار ئانچە پەرۋامۇ قىلماس ئىدى. لېكىن مەن بۇنى ۋەتىنىم ئۈچۈن بىر شەرەپ نامايىشى دەپ بىلىپ، ئاقىۋەتنىڭ نېمە بولۇشىغا ھېچ پەرۋا قىلماستىن بۇ ھەرىكەتنى قىلدىم».

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا 1945-يىلىنىڭ ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستانغا كېلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستاندا ۋەزىيەت بەكمۇ جىددىي ئىدى. مىللەتچى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە پۈتۈنلەي ئىككى يۈزلىمىچىلىك سىياسەت يۈرگۈزمەكتە ئىدى. ئىشلار ئېغىزدا بىر خىل، ئەمەلىيەتتە بولسا باشقا بىر خىل ئىجرا قىلىنماقتا ئىدى. قىلغان ۋەدىلىرىنىڭ ھەممىسى قەغەز يۈزىدىلا قالغان بولۇپ، خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئىككىنچى سىنىپ پۇقرا قاتارىدا تۆۋەن كۆرۈپ، ھاقارەتلەپ مۇئامىلە قىلاتتى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەرلىك بايلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارا بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ خىتايغا توشۇماقتا ئىدى.

ئۇ خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىغا قارشى پائالىيەت باشلايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن مىللىي ئويغىنىش، مىللىي سەۋىيەسىنى يۈكسەلدۈرۈشنى ئاساس قىلغان ئاقارتىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. خىتايدىن قايتىپ كەلگەن سەپداشلىرى مەسئۇد سابىرى ۋە ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن بىرلىكتە «ئالتاي ژۇرنىلى» ۋە «ئەرك» كۈنلۈك گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، مىللەتنى ئويغىتىش پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ كەڭ قانات يايدۇرىدۇ. بۇ پائالىيەتلەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مېۋە بېرىشكە باشلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا «شەرقىي تۈركىستان مىللەتچى پارتىيەسىنى»نى قۇرۇشنىڭ ئالدىنقى باسقۇچىنى تاماملايدۇ. ئەمما رۇس ئەلچىسى ۋە خىتاي دائىرىلىرى پارتىيەنىڭ قۇرۇلۇشىغا قارشى چىقىدۇ. نەتىجىدە پارتىيە رەسمىي پائالىيەتكە ئۆتەلمەيدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاينىڭ مەخپىي ساقچىلىرى ئۇنىڭ پائالىيەتلىرىنى كۆزىتىشكە باشلايدۇ. ئۇ خوتەنگە سايلام ئىشلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە بارغان ۋاقتىدا، خىتاي ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىش سۇيىقەست پىلانى پاش بولۇپ قالىدۇ. كېرىيەگە بارغاندا خىتاي ئەسكەرلىرى ئۇنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن يىغىلغان خەلق ئۈستىگە ئوق چىقىرىپ، يەتتە كىشىنى شېھىت قىلىدۇ.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا 1947-يىلى قۇرۇلغان ئاتالمىش ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى ۋە شەھەر قۇرۇلۇش نازىرلىقىغا تەيىنلىنىدۇ. شۇنداقلا «ئەرك» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ۋە ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى ئىلمىي ھەيئەت رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولىدۇ. ئۇ بۇ ۋاقىتتا ئۈرۈمچى دارۇلفۇنۇنىڭ پەخرىي پىروفېسسورلۇق ئۇنۋانى بىلەن دەرس بېرىدۇ ۋە بىر نەچچە ئىلمىي يىغىنلاردا دوكلات سۇنىدۇ. ئۇنىۋېرسىتېت تارىخىدا تۇنجى قېتىم «ئاتوم ئېنېرگىيەسى» ئۈستىدە ئىلمىي لېكسىيە سۆزلەپ، كۈچلۈك تەسىر قوزغايدۇ.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا 1948-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلىنىدۇ. ئۈچ ئەپەندى ئىچىدە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئاساسەن نورمال بولغان.

بۇ يىللار مىللەتچى خىتاينىڭ جان تالىشىۋاتقان ئاخىرقى ۋاقىتلىرى ئىدى. بۇ ۋاقىتتا نەشرىياتلاردىكى سوۋېتپەرەستلەر، كوممۇنىستپەرەسلەر، ئۈچ مەسلەكچىلەر، دىنىي گۇرۇھلار، تەرەپسىز مۇستەقىللىق خاھىشىدىكىلەر دەپ بۆلۈنگەن ھەر خىل سىياسىي ئېقىمدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەلەم كۈرىشى ئەۋجىگە چىققانىدى.

بۇ ۋاقىتتا كوممۇنىست خىتاي (گۇڭچەنداڭ) ئارمىيەسىنىڭ مىللەتچى خىتاينىڭ (گومىنداڭ) قولىدىكى شىئەننى ئىشغال قىلغانلىق خەۋىرى كېلىدۇ. 1949-يىلى 7-ئايدا مىللەتچى خىتاي غەربىي شىمال مىلىتارىستى تۇڭگان ما بۇفاڭنى غەربىي شىمالنىڭ ھەربىي-مەمۇرىي ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلەيدۇ. ئۇنىڭ جىيەنى ما چىڭشياڭ بولسا ئۈرۈمچىدە گېنېرال ئىدى.

بۇ ۋاقىتتا ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىر ھەيئەت بىلەن لەنجۇغا بېرىپ، نامدا مابۇفاڭنىڭ يېڭى مەنسىپىنى تەبرىكلەش، ئەسلى مەقسەت بولسا بۇ باھانە بىلەن بېرىپ مىللەتچى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كوممۇنىستپەرەس باش قوماندانى تاۋسىيۆنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، جىيەنى ما چىڭشياڭنى ئۇنىڭ ئورنىغا تەيىنلەشنى، مىللەتچى خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ قولىدىكى قوراللارنىڭ يېرىمىنى ئۇيغۇرلارغا بېرىشىنى، شۇنداق قىلىپ كوممۇنىستلارنى شەرقىي تۈركىستانغا كىرىشتىن توسۇشنى تەلەپ قىلماقچى بولىدۇ. ئۈچ ئەپەندى ئەگەر مىللەتچى خىتاي تەيۋەنگە چېكىنگەن تەقدىردىمۇ، شەرقىي تۈركىستان كوممۇنىستلارغا ئەمەس، تەيۋەندىكى مىللەتچى خىتايغا قاراشلىق مۇختارىيەت (ئاپتونوم رايون) بولۇپ قالسىكەن، دېگەن ئۈمىدلىرىنى بىلدۈرۈپ، ياردەم سورىماقچى بولىدۇ.

مابۇفاڭ ئۈچ ئەپەندىنىڭ تەلىپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىككىلىنىپ، مىللەتچى خىتاينىڭ مەركىزىگە تېلېگرامما يوللاپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلغان. كەلگەن جاۋابتا ئېنىق قىلىپ: «ھەرقانداق تىپتىكى مۇختارىيەت، ئاپتونومىيە دېگەنلەرگە يول قويۇشقا بولمايدۇ» دەپ جاۋاب كەلگەن. ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن 9-ئاينىڭ 3-كۈنى لەنجۇدىن ئۈمىدسىز قايتىپ كەلگەن.

بۇ ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستاندىكى ما چىڭشياڭ قاتارلىق مىللەتچى خىتايغا سادىق گېنېراللار ئىسيان كۆتۈرمەكچى بولغان. ئۇلار تاۋسىيۆ، بۇرھان شەھىدى (1894-1989) قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان 70 كىشىلىك بىر ئۆلۈم تىزىملىكى تەييارلىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ پىلانى بويىچە دەرھال مۇستەقىللىق جاكارلاپ، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانى رەئىس قىلىش، ھەربىي ھوقۇقنى ما چىڭشياڭ تۇتۇش، دەرھال ئەسكەر توپلاش قاتارلىق ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىشىپ، بۇ ئىش ئۈچۈن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ۋە ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنلەرنى مۇزاكىرىگە چاقىرىپ، ھۆكۈمەتكە سادىق 150 مىڭ كىشىلىك قوشۇننىڭ تەييار ئىكەنلىكىنى، يەنە ئۇيغۇرلاردىن جىددىي ئەسكەر توپلاپ قوراللاندۇرۇشنى مەسلىھەتلەشكەن. قۇتۇبىدا بىر ھەربىي مەكتەپ قۇرۇپ، دەرھال بىر نەچچە يۈز ئوفىتسېر تەربىيەلەپ، ئاندىن ئۇيغۇرلاردىن بىر دىۋىزىيە تەشكىل قىلماقچى بولغان.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ۋە ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنلەر: «بىز ئۇرۇشقا قارشىمىز، كوممۇنىستلارنى توسۇۋالغان تەقدىردىمۇ، رۇسلار ئۈستىمىزگە غۇلجىدىكى مىللىي ئارمىيەنى ئەۋەتىدۇ، ئۇيغۇر قېنى تۆكۈلىدۇ. بىز بۇنىڭغا چىداپ تۇرالمايمىز. نەتىجىسى كۆرۈنۈپ تۇرغان بىر ئۇرۇشقا قارشىمىز (ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن: «ئەسىر شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن») دېگەن. يەنە «مىللەتچى خىتاي ئۈچ مىليون كىشىلىك ئەسكىرى بىلەن توسىيالمىغان كوممۇنىست خىتاينى 150 مىڭ ئەسكەر بىلەن توسقىلى بولامدۇ، ئەڭ ياخشى چارە يۇرتنى تەرك ئېتىش» دېگەن.

مىللەتچى خىتاي قۇتۇبىدا ئالدىراشلىق بىلەن بىر ھەربىي مەكتەپ ئېچىپ، ئىككى يۈزدەك ئوقۇغۇچى يىغقان. ئەمما ئون كۈنگە بارماي مىللىي دىۋىزىيە قۇرۇشتىن ۋاز كەچكەن. تاۋسىيۆ: «بۇ دۆلەت ئايرىلىپ كەتمىسۇن، ئۇندىن كۆرە ئۆز مىللىتىمىزنىڭ قولىغا قالسۇن» دېگەن.

 

ھىجرەت

بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن مىللەتچى خىتايغا خىزمەت قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسەتچىلىرى، زىيالىيلارنىڭ كۆپ قىسمى كوممۇنىست خىتايغا ئىشەنچ قىلالمىغاچقا، ھىجرەت قىلىش تەييارلىقىغا چۈشكەن. بۇلار دەسلەپتە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، ئۇيغۇر ئادىل، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر (1995-1923، ئۇچتۇرپاندا بولۇپ، يولدىن ئېلىۋالىدىغان بولغان)، قۇربان قوداي، پولات قادىرى، باي ئەزىزى، چىڭگىزخان داموللام (1952-1906، بۈگۈردە بولۇپ، يولدىن ئېلىۋالماقچى بولغان)، ھاجى ياقۇپ ئانات (2001-1920)، رەۋەيدۇللا ھەمدۇللاھ، ئىمىن ۋاھىدى، ئابدۇرېھىم قىلىچ، ساتتار بۇلبۇل، مۇخپۇل چوپان، خېۋىر تۆمۈر (1992-1922)، ھەمدۇل قاۋان، مۇھەممەدىن توختى، نۇر مۇھەممەد (تۇڭگان) قاتارلىق 53 كىشى بولغان. سەپەر زاپخوزلۇقىغا رەۋەيدۇللاھ ھەمدۇللاھ بەلگىلەنگەن. مەسئۇد سابىرى بايقۇزى بولسا: «يېشىم 70 كە يېقىنلاشتى، مەن غۇربەتنى كۆرگەنمەن، ئۆلسەممۇ ۋەتىنىمدە ئۆلەي» دەپ ھىجرەتكە قوشۇلمىغان.

بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئابدۇرېھىم قىلىچ 40 ياشلاردىكى كىشى بولۇپ، چۇڭچىڭدا ئىستىخبارات مەكتىپىدە ئوقۇغان، كېيىن ئۇنى ياپونىيەگە مەخپىي خىزمەتكە ئەۋەتكەن. ياپونىيەدىن قايتىپ مانجۇرىيەگە كەلگەندە ياپونلار سېزىپ قېلىپ تۇتۇۋالغان. ياپونلار ئۇنى پويىز بىلەن باش ئىشتابىغا ئېلىپ كېتىۋاتقاندا، ئۇ تېز پويىزنىڭ ھاجەتخانىسىنىڭ پەنجىرىسىدىن سەكرەپ قېچىپ كەتكەن بولۇپ، ناھايىتى قارام، قورقۇمسىز كىشى ئىدى.

ئۈرۈمچىدىكى ۋاقتىدا تەرەپلەرنىڭ قەلەم كۆرۈشى تازا قىزىغان چاغدا كوممۇنىستپەرەسلەرنىڭ ھۇجۇمىغا چىداپ تۇرالمىغان ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قورغىنىغا ئايلانغان ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ مەركىزىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئابدۇرېھىم قىلىچنى ۋەزىپىگە قويغانىكەن. (ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن: «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن» 492-بەت) ئابدۇرېھىم قىلىچ كەچتە ئېچىلىدىغان يىغىن ۋاقتىدا بىرلا بۇرادىرى بىلەن بۇ يەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئوققا تۇتقان. ئۇيۇشمىدىكىلەر تامدىن ئاتلاپ قېچىپ كەتكەن ئىكەن. يەنە بىرسى تۇڭگان نۇرمۇھەممەت بولۇپ، سىبىرىيەدە رۇسلارنىڭ قولىدا ئەسىر بولغان چېغىدا ئۈچ رۇس ئەسكىرىنى ئۆلتۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستانغا قېچىپ كەلگەن، ئۈرۈمچىدە پولات-تۆمۈر زاۋۇتىنىڭ مۇدىرى بولغانىدى.

بۇلارغا ماچىڭشياڭ ئىككى يۈك ئاپتوموبىلى ھەل قىلىپ بەرگەن. يەنە 100 تال مىلتىق، 10 مىڭ تال ئوق، ئىككى دانە پىلىموت، 500 تال قول بومبىسى بەرگەن. بۇلار 1949-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۈرۈمچىدىن ئايرىلغان. 1949-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى بۇرھان شەھىدى ماۋزېدۇڭغا شەرتسىز تەسلىم بولىدىغانلىقى توغرىلىق تېلېگرامما يوللىغان.

بۇلار يولدىن چىڭگىزخان داموللام بىلەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنى ئېلىپ، 9-ئاينىڭ 30-كۈنى قەشقەرگە يېتىپ كەلگەن. بۇ چاغدا قەشقەردە «تىنچ ھەقىقەتكە قايتىش مۇراسىمى» (قارشىلىق كۆرسەتمەي كوممۇنىست خىتايغا تەسلىم بولۇش مۇراسىمى) بولۇۋاتقان ئىكەن. بۇ ۋاقىتتا قەشقەرنىڭ ۋالىيسى ئۆمەر داموللا يېڭى ۋالىي ئابدۇكېرىمخان مەخسۇمغا (1870-1955) ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. بۇلار قەشقەردىكى ھىندىستان ئەلچىخانىسىدا مەلۇم ئاۋارىچىلىكلەرگە ئۇچرىغان. پۇلى بار كىشىلەر بۇ يەردە پۇللىرىنى كەشمىردىكى ئىمپېرىيە بانكىسىنىڭ قەشقەر شۆبىسىگە ئامانەت قويۇشقان. ھىندىستانغا چىققاندا ئۇ يەردىن ئېلىۋالماقچى بولغان. پۇلى يوقلار ئومۇمىي تەمىناتتىن بەھرىمەن بولغان.

كارۋان يوللىرىنى داۋام قىلىۋاتقاندا بۇلارغا ئۈرۈمچى ئەينەك زاۋۇتىنىڭ مۇدىرى سۇلتان ھاجى، ئۆزبېكلەردىن مۇنەۋۋەر ھاجى، ئابدۇرېھىم جۇشقۇن، ئەرتۇغرۇل (مەسئۇد سابىرى بايقۇزىنىڭ ئوغلى) قوشۇلغان.

ئۇلار يەكەنگە كەلگەندە مىللەتچى خىتاي ئەسكەرلىرىدىن بىر نەچچە چېدىر ئالغان. يەكەندىكى خىتاي ئەسكەرلىرى ماچىڭشياڭدىن بۇ ھەقتە تېلېگرامما ئالغىنى ئۈچۈن ياردەم بېرىشكە ھازىر ئىكەن. ئۇلار 10-ئاينىڭ 2-كۈنى يولغا چىقىپ، 3-كۈنى قۇربان ھېيت نامىزىنى قاغىلىقتا ئوقۇغان. بۇلار مۇھەممەد رېھىمجان ئىسىملىك بىر ئاتچىدىن 100 ئات سېتىۋالغان. بۇ كىشى يول باشلىغۇچى بولغان. 10-ئاينىڭ 13-كۈنى كۆكيارغا كېلىپ بۇ ئۇزۇن ھىجرەت سەپىرى ئۈچۈن بىرەر قۇر تەييارلىق قىلىشقان. 16-كۈنى يەكەننىڭ ساقچى ئەمەلدارى بۇرھان شەھىدىنىڭ، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ۋە ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنلەرنىڭ مۇھىم بىر مەسىلە ئۈچۈن يەكەنگە كېلىشى تەلەپ قىلىنغان تېلېگراممىسىنى كۆتۈرۈپ كەلگەن. بۇنىڭ بىر تۇزاق ئىكەنلىكىنى ھەركىم پەرەز قىلالايتتى.

بۇلار كۆكياردىن يولغا چىقىپ ھىندىستان چېگراسىغا يېقىن، ئەڭ ئاخىرقى يېزا پۇساغا كەلگەندە، بۇلارنىڭ ئارقىسىدىن يولغا چىققان ۋە ھەر خىل سەۋەبتىن ئارقىدا قالغان 300 چە ئادەم ئاتلىق، ئېشەكلىك، تۆگىلىك بولۇپ يېتىپ كەلگەن. بەزىلەر تۆگە ئۈستىگە مەھمىلگە ئوخشاش بىرنېمىلەرنى قىلىپ، خوتۇن، بالا-چاقىلىرىنى ئولتۇرغۇزۇۋالغان ئىكەن. بۇ قەدەر چۇۋالچاق بىر توپ بىلەن ئېگىزلىكى تۆت مىڭ مېتىر كېلىدىغان قاراقۇرۇم تاغلىرىنى قانداق ئېشىش ھەقىقەتەنمۇ ئەقىل يەتمەس بىر ئىش ئىدى. كارۋانلارنىڭ يولى تەدرىجىي ئېگىزلەپ تاغ چوققىسىغا قاراپ كېتىۋاتاتتى. بۇلارنىڭ ئالدىدا شۇنداق بىر تاغلىق دۇنيا باردىكى، بۇلۇتلارغا تاقاشقان بۇ سان-ساناقسىز تاغلار دۇنياسىدىن قانداق ئۆتۈشكە كۆز يەتمەيتتى. بۇ ۋاقىتتا ئۇلاغلار ماڭالماي، كىچىك بالىلاردىن باشقىلار ئۇلاغلاردىن چۈشۈپ قاتارلىشىپ پىيادە ماڭىدۇ.

بۇلار 10-ئاينىڭ 22-كۈنى ئاق مەسچىتتىن يولغا چىقىپ 23-كۈنى خالاستان دەرياسىدىن ئۆتۈۋاتقاندا، ئارقىسىدىن يېڭىسارنىڭ ھاكىمى ئائىلىسى بىلەن كېلىپ قوشۇلىدۇ. بۇ كىشى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەخمەتجان قاسىمى (1914-1949) باشلىق ۋەكىللىرىنىڭ ئايروپىلان ھادىسىسىگە ئۇچرىغانلىق خەۋىرىنى ئېلىپ كېلىدۇ.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن: «يىگىتلەر، ئاتتىن چۈشۈپ تاھارەت ئېلىڭلار» دەيدۇ ۋە ئۆزى ئىمام بولۇپ ئايروپىلان ۋەقەسىدە ۋاپات بولغانلارنىڭ غايىبانە جىنازا نامىزىنى ئوقۇيدۇ. ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە ئاياللار، بالىلاردىن باشقا ھەممە كىشى نامازغا تۇرىدۇ. غايىبانە جىنازا نامىزىدىن كېيىن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئۇزۇن دۇئا قىلىدۇ.

نامازدىن كېيىن ھاجى ياقۇپ ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىندىن بۇنىڭ سەۋەبىنى سوراپ قالىدۇ: «بايا نامازغا تۇرمىدىڭىز، بۇنىڭ ئالاھىدە بىر سەۋەبى بارمۇ-يە؟». ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن: «ئەگەر ئەخمەتجان ئەھلى جەننەت بولىدىغان بولسا، مەن دوزاخقا كېتىمەن؛ ئەگەر ئۇ دوزاخقا كىرسە، مەن جەننەتكە كىرىمەن» دەيدۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئاچچىقىنى تەستە بېسىپ، ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنگە: «كىم ۋە نېمىچى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىر مەزگىل بىللە ئىشلىدۇق، ئۆكتىچىمۇ بولدۇق، غايىداشمۇ بولدۇق. نېمىلا بولمىسۇن ئۇمۇ مۇشۇ ۋەتەننىڭ پەرزەنتى، ئۇمۇ مۇشۇ مىللەتنىڭ غېمىنى يېگەن... ئەمدى بىز مۇشۇ ئەھۋالدا تۇرۇپمۇ بىر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىدە ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدىغان ۋەزىپىمىز بارلىقىنى تونۇمىساق بولامدۇ» دېگەن. ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئىپادە بىلدۈرمىگەن.

كارۋان يولىنى داۋام قىلىپ 10-ئاينىڭ 25-كۈنى مايمۇن كېچىكىدىن ئۆتۈپ بىر كېچە قونۇپ، ئەتىسى سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەچتە «كۆكئارت» دېگەن يەرگە يېتىپ كېلىپ، دەم ئېلىش ئۈچۈن چېدىرلىرىنى تىكىدۇ. بۇلارنىڭ ئالدىدا ئەمدى پەقەت 500 مېتىر ئۇزاقلىقتىكى ئەڭ كۆپ دېگەندە خىتاينىڭ 20 ئەسكىرى بېقىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان-ھىندىستان چېگراسىدىن ئۆتۈشلا قالىدۇ.

بۇ يەردە كۈنلەردىن بۇيان چېدىر قۇرۇپ ياتقان بەش يۈزگە يېقىن يەرلىك خەلق ئالتە توك-توك خىتاينىڭ توسۇۋېلىشى بىلەن چېگرادىن ئۆتەلمەي، ئۆز ۋەتىنىدە بىر تىيىنلىق قەدرى بولماي، خىتايدىن ئىنساپ كۈتۈپ يېتىشقانىدى. خارلانغان بىچارە خەلق بۇلارنى كۆرۈپ، قايتىدىن ئۈمىدلىنىپ بەكمۇ خۇشال بولىدۇ.

بۇلار دەم ئېلىپ تۇرغاندا خىتاينىڭ ئىككى چېگرا قاراۋۇلى ئەھۋال ئۇقۇشقىلى كېلىدۇ. بۇ ئەسكەرلەر ئۇيغۇر ئىدى. بۇ ۋاقىتتا ئابدۇرېھىم قىلىچ ئۇلارنى تۇتۇپ ئەھۋال ئىگىلىمەكچى بولىدۇ.

ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بۇنىڭغا قارشى چىقىپ: «بىز سوقۇشقىلى كەلمىدۇق، ئۇ ئۇچۇرنىڭ نېمە كېرىكى بار؟ بىز تىنچلىق بىلەن چېگرادىن ئۆتۈپ كەتسەكلا بولدى. بىز ئۇلارغا مۇشۇ نىيىتىمىزنى ھېس قىلدۇرۇشىمىز لازىم» دەيدۇ.

ئىبراھىم قىلىچ مەخسۇس تەربىيەلەنگەن رازۋېدچىك بولغاچقا بەكلا سەگەك ئىدى. ئۇ بۇ ئەسكەرلەرنىڭ كېلىشىنى ئادەتتىكى مەسىلە دەپ قارىمايدۇ. شۇڭا ئۇ ئەتراپتىكىلەرگە شۇنچە قورالنى مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ يۈك قىلىپ كۆتۈرۈپ كەلگەن ئىدۇق، بىز يا چېگرىدىكى خىتايلارنى قىرىۋېتىپ ئۆتۈپ كېتىشىمىز كېرەك ياكى بولمىسا ئۇلارنى قورالسىزلاندۇرۇپ ئۆتۈپ كېتىشىمىز كېرەك، دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. كۆپچىلىك بۇ پىكىرگە تولۇق قوشۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم قىلىچ يېنىغا ئۇيغۇر، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، نۇر مۇھەممەد قاتارلىق ئوت يۈرەك بىر نەچچە ياشلارنى ئېلىپ مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ چېدىرىغا كېلىپ مەقسەتلىرىنى بىلدۈرىدۇ.

ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن قەتئىي بولمايدۇ، دەپ سەكرەپ كېتىدۇ. ئۇ: «بىز ئۇرۇشقا قارشى ئادەملەرمىز، بىز تىنچلىقنىڭ تەشەببۇسچىلىرىمىز. ئۇرۇشنىڭ نېمە كېرىكى...» دەيدۇ. بۇلار بۇغرا ئەپەندىمگە قارايدۇ. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئىپادە بىلدۈرمەيدۇ. (بەلكىم ئۇزۇن يىللىق سەپدىشىنى خاپا قىلىپ قويۇشنى خالىمىغاندۇ). بۇلار چېدىردىن چىقىپ ماڭغاندا مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئارقىسىدىن چىقىپ، بۈگۈن بەرىبىر ھېچ ئىش بولمايدۇ، ئەتىگىچە تاقەت قىلىڭلار، دەيدۇ.

ئەتىسى ئىككى ئەسكەر كېلىپ بۇغرا، ئالىپتېكىن ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ. بۇلار ئىككى ئەسكەر بىلەن باي ئەزىزى قاتارلىق بىر ھەيئەتنى ئەۋەتىدۇ. ھەيئەت قايتىپ كېلىپ: «چېگرا قاراۋۇل باشلىقى سۇن فۇگۇي مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننى چايغا تەكلىپ قىلدى. شۇنداقلا قوراللىرىمىزنى تاپشۇرۇۋەتسەكلا، باشقا رەسمىيەتلەرمۇ يوق ئىكەن، چېگرادىن ئۆتۈۋەرسەك بولىدىكەن» دەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئابدۇرېھىم قىلىچ قاتارلىقلار قاتتىق غەزەپلىنىپ: «بىر قاراۋۇلنىڭ بىر ئۆلكە رەئىسىنىڭ مۇئاۋىنى ۋە باش كاتىپى بولغان ئادەمنى ئالدىغا چاقىرغىنى قانداق ئەدەپسىزلىك بۇ؟» دەپ ۋارقىراپ كېتىدۇ. ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن قېيىدىغاندەك قىلىپ ئېتىغا مىنىپ بىر ياردەمچىسى بىلەن قاراۋۇلخانىغا كېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ توپتىن ئۈمىدى ئۈزۈلىدۇ.

تارىخ تەكرارلانماقتا ئىدى...

بۇ ۋاقىتتا قوراللارنى تاپشۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ئەسكەرلەر كېلىدۇ. بۇلار قوراللارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ دەپ، يېرىمىنى تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. كەچكە يېقىن يەنە ھېلىقى ئۇيغۇر ئەسكەر كېلىپ ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ خېتىنى ئېلىپ كېلىدۇ. خەت قىسقىلا بولۇپ: «سىلەر كۆسەيلىرىڭلارغا چىدىماي، مېنى ئۆلسۇن دەمسىلەر» دەپ يېزىلغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇغرا ئەپەندىمنىڭ چىرايى تاتىرىپ كېتىدۇ... بارلىق قوراللار تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ.

ئەتىسى قاراۋۇلخانىدىن چۈشكەن ئەسكەرلەر يۈكلەرنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇ ئەسكەرلەر بىردىنلا ئۆزگەرگەن بولۇپ، بۇلارنى كۆزىگە ئىلىپمۇ قويمايدۇ. ئاختۇرۇش جەريانىدا بەزى قىممەتلىك ئەشيالارنى قىلچە تەپتارتماستىن ئۆزىنىڭ قىلىۋالىدۇ. ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرالارنىڭ يۈكلىرى ئىچىدىكى دۇربۇن، رەسىم ئاپپاراتى قاتارلىقلارنىمۇ ئېلىۋالغاندا ئىيسا ئەپەندىنىڭ ئايالى خىتايلار بىلەن زاكونلىشىپ، خىتاي تىلى بىلەن: «ھەي ئەدەپسىز، بۇ كىمنىڭ دېمەيسىنا! بۇ دېگەن مىشۇجاڭ ئىيسا ئەپەندىنىڭ جۇمۇ!» دەپ ۋارقىرايدۇ. خىتاي ئەسكىرى پەرۋايى پەلەك ھالدا: «مىشۇجاڭ بولسا نېمە كارىم! بۇ تاغنىڭ ئارىسىدا ئاكاڭ قارىغاي مىشۇجاڭ!» دەيدۇ. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن ئامىنە خانىم بۇ ئەھۋالنى كۆرگەندىن كېيىن دېمى ئىچىگە چۈشۈپ، توختاپ قالىدۇ.

ھەممىگە سۈكۈت قىلىش كېرەك ئىدى. 400 گە يېقىن ئۇيغۇر پەقەت قۇربان بېرىش روھىنىڭ كەملىكىدىنلا مانا مۇشۇنداق خورلۇقلارغا چىداپ، كۆز ياشلىرىنى ئېقىتىپ قاراپ تۇرۇشاتتى.

كەچتە بىر خىتاي كېلىپ مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانى چاقىرىدۇ. بۇغرا ئەپەندىم مېڭىشقا تەمشەلگەندە، بۇ قېتىم ئۇنى ھېچ كىم توسمايدۇ. بۇلار خۇددى قۇشخانىدا نۆۋەت كۈتۈۋاتقان قويلارغا ئوخشاپ قالغانىدى. (قاراۋۇلخانىدىكى خىتايلار بۇ ئۇيغۇرلار توغرىلىق نېمە ئويلاۋاتقاندۇ؟).

قاراۋۇل باشلىقى خىتاي مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننى تۇتۇپ، تۆت ئەسكىرى بىلەن گۇمىغا يوللايدۇ. بۇ ۋاقىتتا خىتاينىڭ تاڭ جىنرېن دېگەن قوماندانى بىر نەچچە ئەسكىرى بىلەن يېتىشىپ كېلىپ، بۇغرا ۋە ئالىپتېكىن ئەپەندىلەر بىلەن بىرلىكتە ھىندىستانغا چىقىپ كەتمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇلار ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، «ۋاي كېچىكىپ قاپتۇق» دېيىشىپ، ئىككى ئەپەندىنىڭ ئادەملىرىنى ئېلىپ ئارقىغا - گۇمىغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. يولدا قاراۋۇلخانىدىكى بىر ئۇيغۇر ئەسكەر بۇغرا ئەپەندىمنىڭ ئايالىغا ئۆزلىرىنىڭ جەمئىي 16 ئەسكەر ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ئالتىسىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، خىتايلارنىڭ قانداق قىلارىنى بىلمەي قورقۇشۇپ ئارانلا تۇرۇشقانلىقىنى، ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ بەكمۇ ساددىلىق قىلغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئابدۇرېھىم قىلىچ قاتارلىقلار بۇ گەپتىن پۇچۇلىنىپ كېتىدۇ.

بۇلار گۇما ناھىيەسىنىڭ سانجۇ دېگەن يېرىدە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندىلەر بىلەن ئۇزاق ئايرىلغان قېرىنداشلاردەك يىغلىشىپ كۆرۈشىدۇ. بۇلارغا گۇمىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارى ئىككى ئەسكەر بىلەن بىر پارچە خەت ئەۋەتكەن بولۇپ خەتتە:

«ھۆرمەتلىك مۇئاۋىن رەئىس مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، باش كاتىپ ئىيسا ئەپەندى، ماڭا قەشقەردىكى گېنېرال جاۋشىگۈۋەن سىزلەرنى تۇتۇش توغرىسىدا بۇيرۇق بەرگەچكە ۋەزىپەمنى ئادا قىلغانىدىم. سىلەرنى تۇتۇپ كېلىش بۇيرۇقىنى ئۈرۈمچىدىكى كوممۇنىست ئەسكەرلەرنىڭ بېسىمى بىلەن چىقارغانىكەن. مەن ھازىر گېنېرال تاۋسىيۆنىڭ ئەگەر بۇلار چېگرادا بولسا ئۆتكۈزۈۋېتىش، قايتۇرۇپ كېلىنگەن بولسا، تاكى چېگرادىن ئۆتكۈچە ئۇزۇتۇپ قويۇش توغرىلىق تېلېگراممىسىنى تاپشۇرۇۋالدىم...» دەپ يېزىلغانىكەن.

بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن بىر قىسىم كىشىلەر قاتتىق خورلۇق ھېس قىلىپ، «نېمە بولساق ۋەتىنىمىزدە بولايلى» دېيىشىپ ھىجرەت قىلىشتىن ۋاز كېچىدۇ. بۇلار: سەلچۇق سۇلايمان، قۇربان قوداي، ئابدۇرېھىم قىلىچ، ھەمدۇل قاۋان، خېۋىر تۆمۈر، مۇھەممەد ئەمىن مۇستاپا، يۈسۈپ ناجىدى، مۇھەممەدىن توختى، پەتھىدىن مەخسۇم، ئابدۇللاھ نامان، ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، باي ئەزىزى، ئۇيغۇر ئادىل، ھاجى ياقۇپ، رەھىم قاتارلىق كىشىلەر ئىدى.

شۇنداق قىلىپ مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ۋە ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن باشچىلىقىدىكى ھىجرەت كارۋىنى ئۈرۈمچىدىن 9-ئاينىڭ 20-كۈنى يولغا چىقىپ نۇرغۇن قىيىنچىلىق، ئېغىر خورلۇق، دىشۋارچىلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئايلاپ ماڭغان قورقۇنچلۇق تاغ يوللىرىدىن يېنىپ چۈشۈپ، 11-ئاينىڭ 12-كۈنى قايتا يولغا چىقىپ، ئايلار كەتكەن ئاشۇ قورقۇنچلۇق يوللارنى تەكرارلاپ، چېگرادىن ئۆتۈپ ئۈچ ئايدىن كېيىن، يەنى 1949-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى ھىندىستان ئىگىدارچىلىقىدىكى كەشمىرنىڭ لاداخ دېگەن يېرىگە يېتىپ كېلىدۇ.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا شەرقىي تۈركىستان چېگراسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستانغا قاراپ يىغلاپ تۇرۇپ: «بىز ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلدۇق» دېگەن. شۇنداق قىلىپ مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئىككىنچى قېتىملىق مۇھاجىرەت ھاياتى باشلىنىدۇ.

 

مۇھاجىرەتتە

بۇ ۋاقىتتا كوممۇنىست خىتاينىڭ دەھشىتىدىن ۋەتەننى ۋە بار-يوق ھەممە نەرسىسىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان مىڭلىغان شەرقىي تۈركىستانلىق كەشمىرگە يىغىلغان ئىدى. بۇلار ئۈچۈن دەرھال بىر ئىنسانىي ياردەم، يەنى يېمەك-ئىچمەك ۋە باش تىققۇدەك بىر ماكان تېپىش كېرەك ئىدى. غەربىي تىبەتتە يەنە يۈزلىگەن كىشى (ئاساسلىقى قازاقلار) پاناھلىق تىلەپ، چېگرادىن ئۆتۈش ئۈچۈن توپلانغانىدى. ئۇلار ئارقىدىن قوغلاپ كېلىۋاتقان خىتاي ئەسكەرلىرى ۋە چىگرانى توسۇپ تۇرۇۋاتقان ھىندىستان چېگرا قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا قىسىلىپ قالغانىدى. مانا بۇلارنى دەرھال ھەل قىلىش ئۈچۈن چارە تېپىش مۇھاجىرلار ئۈچۈن ھايات-ماماتلىق بىر مەسىلە ئىدى. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئەھۋالغا كۆرە، بەزىدە «شەرقىي تۈركىستان مىللەتچى پارتىيەسى باشلىقى»، بەزىدە «سابىق شەرقىي تۈركىستان ئومۇمىي ۋالىي مۇئاۋىنى» ۋە بەزىدە «پاناھلىق تىلەپ چىققان يۇرتداشلىرىنىڭ ۋەكىلى» سۈپىتىدە كەشمىر ھۆكۈمەت ئەربابلىرى، ھىندىستان ھۆكۈمىتى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن ئالاقە باغلاپ، سۆھبەتلىشىدۇ، ئامېرىكا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە مۇراجىئەت قىلىدۇ. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە باشقا سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە كۆرسەتكەن جاپالىق تىرىشچانلىقلىرى ئاخىرى نەتىجە بېرىدۇ ۋە كەشمىرگە توپلانغان شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلىرى ۋاقىتلىق بولسىمۇ ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسانلىق يارىتىپ بېرىشىگە ئېرىشىدۇ.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ئارقا-ئارقىدىن ئىلتىماس قىلىپ، مۇھاجىرلارنى تۈركىيەگە قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. 1952-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى تۈركىيە ھۆكۈمىتى مىنىستىرلار كابىنېتى رەسمىي قارارنامە ماقۇللاپ، 1850 شەرقىي تۈركىستانلىق سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىنىڭ (بۇلاردىن مىڭدىن كۆپرەكى قازاقلار ئىدى) رەسمىي كۆچمەن سۈپىتىدە تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىشىنى قوبۇل قىلىدۇ. شۇنداقلا يۇقىرىقىدەك 1949- ۋە 1952-يىللىرى ئارىسىدا سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ تۇرغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئىقامەت (تۇرۇش رۇخسىتى) مەسىلىلىرىنىمۇ يۇقىرىقىدەك تىرىشچانلىقلار بىلەن ھەل قىلىدۇ.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا 1952-يىلى تۈركىيەگە كېلىدۇ ۋە 1955-يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىقىغا ئۆتىدۇ. بۇ دەل دۇنيادا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشنىڭ تازا ئەۋجىگە چىققان دەۋر بولۇپ، تۈركىيە غەرب دۇنياسى ئۇرۇش سېپىگە مەنسۇپ بولغان ۋە كورىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان يىللار ئىدى. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بۇ ۋەزىيەتتە سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە كوممۇنىست خىتايلارغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە غەربىي تۈركىستانلىق كافكاسىيە، ئىدىل ئورال ۋە ئەزەربەيجانلىق مىللىي رەھبەرلەر بىلەن «تۈرك بىرلىكى»، «تۈرك ئورتاق فىرونتى»غا ئوخشاش تەشكىلاتلارنى قۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ. ئۇ 1952-يىلىدىن باشلاپ دۇنيا ئىسلام تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋەكىلى بولىدۇ. بۇ تەشكىلاتنىڭ مەككە، باغداد، كاراچى، تېھران ۋە قاھىرە قاتارلىق يىغىنلىرىغا قاتنىشىدۇ.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا 1953-يىلى ئىستانبۇلدا تۈركچە «تۈركىستان» ئىسىملىك ئايلىق ژۇرنال چىقىرىدۇ. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ۋەتەن دەۋاسىنى، كۈرەشلىرىنى تۈرك خەلقىگە ۋە پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ھارماي-تالماي خىزمەت قىلىدۇ. 1956-يىلى تۈركچە ۋە ئىنگلىزچە «تۈركىستان ئاۋازى» ئىسىملىك ژۇرنالنى چىقىرىدۇ ۋە ئەرەب ۋە ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بېرىپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تونۇشتۇرىدۇ. ئۇنىڭ «ئازادلىق رادىيوسى» ۋە «ئامېرىكا ئاۋازى» قاتارلىق رادىيولاردىن سۆزلىگەن تۈركچە، ئەرەبچە ۋە پارسچە نۇتۇقلىرى ئوتتۇرا ۋە يېقىن شەرقتە، شەرقىي تۈركىستاندا ۋە پۈتۈن دۇنيادا ياڭراشقا باشلايدۇ.

 

ھىجاز قۇرۇلتىيى

1954-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنلەرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدە تارىختا تۇنجى قېتىملىق قۇرۇلتاي بولغان «ھىجاز قۇرۇلتىيى» ئېچىلىدۇ. قۇرۇلتايدا ئاساسلىق تۆۋەندىكى مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان:

1. شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق دەۋاسىنى جانلاندۇرۇش لازىم.

2. مۇستەقىللىققا ئېرىشىش ئۈچۈن قانداق خىزمەتلەرنى قىلىش لازىم؟

3. مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ) بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىش-قىلماسلىق.

4. مىللەتچى خىتايدىن ئىقتىسادىي ياردەم ئېلىش-ئالماسلىق.

بۇ قۇرۇلتاي 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە بەش كۈن داۋاملىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ قۇرۇلتايغا قاتناشقۇچىلار شەرقىي تۈركىستاننى كوممۇنىست خىتاي ۋە زالىم  رۇسلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تەشەببۇسكارلىق بىلەن مىللەتچى خىتايلار بىلەن مۇزاكىرىلىشىش ئارقىلىق مىللەتچى خىتايغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش، ئەگەر مىللەتچى خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ تولۇق مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلمىسا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق دەۋاسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا سۇنۇپ، پۈتۈن دۇنياغا تونۇتۇش ئارقىلىق، مىللەتچى خىتاينى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننى شەرقىي تۈركىستاندىكى سەككىز مىليون، مۇھاجىرەتتىكى ئون مىڭ ئۇيغۇرغا ۋاكالىتەن ئۇيغۇرلارنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى قىلىپ سايلاپ چىقىدۇ. ۋاكالەتنامىگە تەخمىنەن ئىككى يۈز ئەللىك كىشى ئىمزا قويغان بولۇپ، بۇ ئىمزالاردىن 207 سىنى ئوقۇغىلى بولىدۇ. بۇ ۋاكالەتنامە ئىككى نۇسخا يېزىلىپ، بىر نۇسخىسى مۇھەممەد ئەمىن بۇغراغا، يەنە بىر نۇسخىسى ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ۋە ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنلەر 1958-يىلى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ، بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە كۈچ سەرپ قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن شۇ چاغدىكى مىللەتچى خىتاينىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى يالغان-ياۋىداق بايانلىرىغا قارىتا رەددىيە بېرىپ، ماقالىلەرنى ئېلان قىلىدۇ.

1961-يىلى تۈركىيە ھۆكۈمىتى مۇھەممەد ئەمىن بۇغراغا تۈركىيە پارلامېنتىدا مىنىستىر بولۇش توغرىلىق تەكلىپ سۇنىدۇ. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قىلغان تەكلىپىگە رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە چىرايلىق رەت قىلىپ: «بۇ تەكلىپ مېنى ئىپتىخارلاندۇردى، ئەمما ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن رەت قىلىشقا مەجبۇرمەن. چۈنكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى يەرلىك سىياسەتكە قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم ۋە ئۇلۇغ بىر مەسىلە» دېگەن.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى رەھبەرلىرىدىن ئىسمەت ئىنۆنۈ، ئادنان مەندەرەس ۋە جامال يۈكسەل پاشالار بىلەن كۆرۈشكەن. بۇ ئۈچ ئىسىم تۈركىيىدە بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئۈچ سىياسىي ئېقىمنى كۆرسىتىدۇ.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ پۈتۈن ھاياتى دىن، مىللەت ۋە ۋەتەن يولىدا جاپا-مۇشەققەتلىك، تىللارغا داستان بولىدىغان كەسكىن كۈرەشلەر بىلەن تولغان. ئۇ شەخسىي ھاياتىدا مۇستەھكەم ئىرادە بىلەن ئاددىي-ساددا ياشىغان.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ تۈركىيەدىكى ھاياتى ناھايىتى جاپالىق ۋە يوقسۇللۇق ئىچىدە ئۆتكەن. ئۇ ئېغىر-يېنىك ھەرقانداق ئىش بولسا قىلىپ، بىر تىيىن، بىر تىيىندىن ئىقتىساد قىلغان پۇللىرىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ يازغان يازمىلارنى شەھەرنىڭ چوڭ مەيدانلىرىدا، تۆت كوچا دوقمۇشلىرى ۋە ئادەملەر كۆپ ئۆتىدىغان يوللاردا كىشىلەرگە تارقاتقان. كەچتە يېنىپ كېلىدىغان ۋاقتىدا كوچا ئاپتوبۇسىغا بېلەت ئالىدىغانغا پۇلى يوق، قەھرىتان سوغۇقتا ئاچ قورساق، 8-10 كىلومېتىر يولنى پىيادە مېڭىپ ئۆيىگە يېتىپ بارغۇچە، ساقال-بۇرۇتلىرىنى مۇز تۇتۇپ كەتكەن. ئاغرىپ يېتىپ كەتكەن ۋاقىتلىرىدا داۋالىنىشقا پۇلى يوق، مەسچىت جامائىتى يىغىش قىلىپ ئاپىرىپ داۋالاتقان.

 

ئەسەرلىرى

1. «قاسائىدى ۋەتىنىيە»، 1937-يىلى. (ئافغانىستاندا نەشر قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن)

2. «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» بىرىنچى نەشرى. كەشمىر، 1941-يىلى؛ ئىككىنچى نەشرى «مىللىي ئىنقىلاب قىسمى»، كەشمىر، 1970-يىلى؛ تولۇقلانغان نەشرى، ئەنقەرە، 1987-يىلى؛ سىلاۋيان يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن نەشرى، ئالمۇتا، 1991-يىلى؛ ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە نەشرى، ئەنقەرە، 1998-يىلى.

3. «ئۇيغۇرچە، پارسچە، ئەرەبچە شېئىرلىرى توپلىمى»، كابۇل، 1942-يىلى.

4. «قەلەم كۈرىشى» (ئۇيغۇرچە)، بىرىنچى نەشرى، ئۈرۈمچى، 1948-يىلى؛ ئىككىنچى نەشرى، ئەنقەرە، 1990-يىلى.

5. «ۋەتەن قايغۇسى» (تولۇقلانغان شېئىرلار توپلىمى)، ئەنقەرە، 1990-يىلى.

6. «Doğu Türkistan’in Tarihi, Coğrafi ve şimdiki Durumu» (شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، جۇغراپىيەسى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى)، تۈركچە، 1952-يىلى، ئىستانبۇل.

7. «Türk Yürtlarında Arab-İslam Futuhatı» (تۈرك ئەللىرىدە ئەرەب-ئىسلام فەتىھلىرى)، تۈركچە، ئىستانبۇل، 1954-يىلى.

8. «Doğu Türkistan’ın Hürriyet davası ve çin siyaseti» (شەرقىي تۈركىستاننىڭ

مۇستەقىللىق دەۋاسى ۋە خىتاي سىياسىتى)، تۈركچە، 1954-يىلى، ئىستانبۇل.

9. «Doğu Türkistan kızıl muhtariyeti Red Eder» (شەرقىي تۈركىستان كوممۇنىست ئاپتونوم رايونىنى رەت قىلىدۇ)، تۈركچە، ئەنقەرە، 1955-يىلى.

10. «Taşkent Konferansı’nın İç Yüzü ve kominist memleketlerdeki Yazarların

durumu» (تاشكەنت يىغىنىنىڭ ئىچكى يۈزى ۋە كوممۇنىست دۆلەتلەردىكى يازغۇچىلارنىڭ

ئەھۋالى)، (تۈركچە ۋە ئىنگلىزچە)، ئەنقەرە، 1959-يىلى.

11. «Tibet ve Doğu Türkistan Hakkında Bilinmeyen Siyasi Konular» (تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە بىلىنمىگەن سىياسىي ئەھۋاللار)، تۈركچە، 1959-يىلى.

12. «Dehli Konferans ve Tibet» (دېھلى يىغىنى ۋە تىبەت)، تۈركچە ۋە ئىنگلىزچە، ئەنقەرە، 1960-يىلى.

13. «Doğu Türkistanda Radioaktif Serpıntimı ya kızıl komplomu?» (شەرقىي تۈركىستاندا ئاتوم بومبىسى سىناق قىلىشمۇ ياكى قىزىل سۇيىقەستىمۇ؟)، تۈركچە، ئەنقەرە، 1961-يىل.

14. «Şarki Türkistan ve Hürriyet Savaşları» (شەرقىي تۈركىستان ۋە مۇستەقىللىق ئۇرۇشلىرى)، تۈركچە، ئەنقەرە، 1962-يىلى.

15. «مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئەسەرلىرى» (تاللانمىلار)، ئۇيغۇرچە. بۇ كىتاب مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ۋاپاتىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى تەرىپىدىن تەييارلىنىپ، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا شۇنداقلا بىر ئوپېرا يازغۇچىسىدۇر. ئۇنىڭ «قۇتلۇق تۈركان ئوپېراسى» (Kutluk-Türkan Operasi) ئىسىملىك سەھنە ئەسىرى 1984-يىلى نەشر قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئەسەر ئۇنىڭ ئەدەبىياتتىكى تالانتىنى نامايان قىلغان مۇھىم ئەسەرلەردىن بىرسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ تارىخىي ئوپېرا 7 پەردە، 17 كۆرۈنۈشلۈك بولۇپ، 8-ئەسىردە قۇرۇلغان ئۇيغۇر دۆلىتى خاقانى يۇلۇغ خاقاننىڭ ئوغلى قۇتلۇق تېكىن بىلەن كۇچا خاقانىنىڭ خاقانى كۈن خاننىڭ قىزى تۈركان تېرىمنىڭ مۇھەببىتى ۋە بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر دۆلىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان قالايمىقانچىلىقلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

 

تەرجىمە ئەسەرلىرى

«تارىخى رەشىدىي»: مىكرو فىلىمگە ئېلىنغان ئەسلى قول يازمىسى، پارسچە نۇسخىسى ۋە بىرىنچى تومىنىڭ تۈركىيە تۈركچىسىدىكى تەرجىمىسى. بۇ ماتېرىياللارنىڭ بىر پارچە كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى بۇغرا ئائىلىسى تەرىپىدىن ھاجى نۇرھاجى ئارقىلىق خىتاي تارىخ پەنلىرى ئاكادېمىيەسىگە بېرىلگەن.

 

نەشر قىلىنىشنى كۈتۈپ تۇرغان ئەسەرلىرى

1. «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» 2-توم (ئەسلى نۇسخىدىكى ۋەسىقىلەر ۋە ئىزاھاتلار قىسمى).

2. «خەلقئارا تەشكىلاتلارغا، ھۆكۈمەتلەرگە يوللىغان مۇختىرالار (مېموراندۇم) ۋە مەكتۇپلىرى».

3. «خەلقئارالىق يىغىنلاردا سۆزلەنگەن نۇتۇقلار».

4. «مۇخبىر ۋە ژۇرنالىستلارغا بەرگەن باياناتلىرى».

5. «دۆلەت ئەربابلىرى ۋە ئالىملار بىلەن يېزىشقان خەتلىرى».

6. « خاتىرىلىرى ۋە مەكتۇپلىرى».

7. «بۇغرا ئالبوملىرىدىن تاللانمىلار» (فوتو سۈرەتلەر).

ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە، تۈركچە، ئەرەبچە، پارسچە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ۋە ئېلان قىلىنمىغان 1400 مىسراغا يېقىن شېئىرلىرى بار بولۇپ، ئۇنىڭ پامىر تاغلىرىدىكى سەپىرى جەريانىدىكى جاپالىق كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلغان ئېپىك داستانى، «شۇڭقارىم» ناملىق شېئىرى، «ۋەتەن بىزنىڭدۇر» قاتارلىق شېئىرلىرى ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىنى ئېچىپ بەرسە، «ئويغان مىللەت»، «سىلكىن»، «توپلان» قاتارلىق شېئىرلىرى مىللەتنى ئازادلىق ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەشكە چاقىرىدۇ. بۇلاردىن باشقا ئۇنىڭ 4000 پارچىدىن ئارتۇق مەكتۇپ ۋە ماقالىلىرى ئارخىپلاردا ساقلانماقتىكەن.

 

يۇرت ۋە مىللەت

ئەقلى بار بولغان ئۆز يۇرتىنى جان ئۈستىدە،

تەجرىبە ئەھلى تۇتار مىللىتىنى جانان ئۈستىدە.

يۇرتىنى سۆيگەن ياشار ئىززەت-ئىمان ئۈستىدە،

مىللىتىنى سۆيمىگەن ئۆلگەي پۇشايمان ئۈستىدە.

 

شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ ئاتاقلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى، خوتەن ئىنقىلابىنىڭ باش قوماندانى، دىنىي ئالىم، يېقىنقى زامان شەرقىي تۈركىستان تارىخىدىكى «ئۈچ ئەپەندى» دەپ تونۇلغان ئەپەندىلەرنىڭ ئىككىنچىسى، مەرھۇم مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ھەزرىتىم 1965-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى 64 يېشىدا ئەنقەرەدىكى ئۆيىدە ھەسرەت ئىچىدە ۋاپات بولىدۇ.

مەرھۇمنىڭ جىنازىسىغا شەرقىي تۈركىستان ھەم تۈركىيەنىڭ بايرىقى يوپۇق قىلىپ يېپىلىپ، تۈركىيەنىڭ رەسمىي دۆلەت مۇراسىمى بىلەن نامىزى چۈشۈرۈلۈپ، ئەنقەرەنىڭ جەبەجى ئەسرى زاراتلىقىغا دەپنە قىلىنىدۇ.

 

(مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر ئەپەندى تەييارلىغان «100 مەشھۇر ئۇيغۇر» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى)

بۇ خەۋەر 381 قېتىم كۆرۈلدى
17/06/2022 17:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق