تەكلىماكان قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتىدىغان تاشيول بىلەن تۆمۈر يول ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

يېقىندا شەرقىي تۈركىستاندىكى تەكلىماكان قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتىدىغان لوپنۇر-چەرچەن تاشيولى تۇتاشتۇرۇلغاندىن باشقا، تەكلىماكان قۇملۇقىنى ئايلىنىدىغان تۆمۈر يول ئايلانما لىنىيەسىنىڭ خوتەن-چاقىلىق بۆلىكىدە 16-ئىيۇن رەسمىي قاتناش باشلانغان. گەرچە خىتاي بۇ تاشيول بىلەن تۆمۈر يولنى تۇتاشتۇرۇشتىكى مەقسىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋىلايەت-شەھەرلەر ئارا قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ھەقىقىي غەرىزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش پىلانىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، تەكلىماكان قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتىدىغان تاشيول لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 334 كىلومېتىر بولۇپ، بۇ يولنىڭ G315 لىنىيەسى G0612  لىنىيەسىنىڭ چاقىلىق-نىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىغا تۇتىشىدىكەن. بۇ تاشيولدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، چەرچەن ناھىيەسىدىن كورلا شەھىرىگە ئاپتوموبىلدا يۈرۈش ۋاقتى ئەسلىدىكى ئون نەچچە سائەتتىن ئالتە سائەت ئەتراپىدا قىسقىرايدىكەن. بۇ تاشيول شىمالدا لوپنۇر ناھىيەسىدىن باشلىنىپ، ئۆگەن دەرياسى، تارىم دەرياسى، توغراقلىق، لوپنۇرلۇقلار كەنتى، چەرچەن دەرياسىدىن ئۆتۈپ، جەنۇبتا چەرچەن ناھىيەسىنىڭ تاتىراڭ يېزىسىغا تۇتىشىدىكەن.

خەۋەر قەيت قىلىنىشىچە، خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولى غەربتە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن شەھىرىدىن باشلىنىپ، شەرقتە كورلىنىڭ چاقىلىق ناھىيەسىگىچە تۇتىشىدىكەن. خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، خوتەن-چاقىلىق، كورلا-ئۈرۈمچى ئارىسىدا سەپەر قىلىش مۇساپىسى ۋە ۋاقتى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە قىسقىرايدىكەن. مەزكۇر تۆمۈريول ئايلانما لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2712 كىلومېتىر بولۇپ، دۇنيادىكى تۇنجى قۇملۇق تۆمۈريول ئايلانما لىنىيەسى ھېسابلىنىدىكەن. تۆمۈريول ئايلانما لىنىيەسىنىڭ خوتەن-چاقىلىق بۆلىكىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 800 كىلومېتىردىن ئاشىدىكەن. تارىم ئويمانلىقىنى تولۇق ئورايدىغان تۆمۈريول بۇ لىنىيەسى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن شەھىرىدىن باشلىنىپ، لوپ، چىرا، كېرىيە، نىيە قاتارلىق جايلارنى كېسىپ ئۆتۈپ چاقىلىققا تۇتاشقاندىن سىرت، چىڭخەيدىكى گولمۇدقا ۋە گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى لەنجۇغا بىۋاسىتە تۇتىشىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىدە، يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش بىلەن بىرگە، خىتاي ئاققۇنلىرىنى زور كۆلەمدە كۆچۈرۈپ كېلىشنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ھەرخىل تەدبىرلەرنى ئىشقا سالغانلىقىنى، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھاۋا يولى، تۆمۈر يولى ۋە تاشيولىنى راۋانلاشتۇرۇشقا زور مەبلەغ ئاجراتقانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ قاتناش لىنىيەلىرىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشقا ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1513 قېتىم كۆرۈلدى
18/06/2022 10:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق