خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستانغا يەرلىشىشكە چاقىرىش تەشۋىقاتى كۈچەيتىلمەكتە

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى ھەقسىز ئۆي، ھەقسىز يەر بېرىش، خىزمەت بىلەن تەمىنلەش، نەق پۇل بېرىش، نوپۇس يۆتكەشنى ئاسانلاشتۇرۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن، زور تۈركۈمدىكى خىتاي ئاققۇنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈپ كەلگەنىدى. يېقىندا خىتاي رېجىمى يەنە شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل پىلانىغا ئاساسەن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەنزىرىلىك رايونلىرىغا زور كۆلەمدە مەبلەغ سېلىپ، ساياھەت ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلىپ، خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستانغا جەلپ قىلىش، كۆچۈپ كېلىشكە رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىشقا باشلىغان. بۇ ھەقتىكى ئېلان ۋە تەشۋىقاتلار خىتاي ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ تور بېكەتلىرىدە كۆپەيگەندىن سىرت، خىتاي رېجىمىنىڭ ئورگان تور بېكەتلىرىدىمۇ كۆپىيىشكە باشلىغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 17-ئىيۇندىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستاننى ساياھەت قىلىشقا چاقىرىدىغان ئېلانلار كۆپلەپ تارقىلىشقا باشلىغان بولۇپ، مەزكۇر ئېلانلاردا: «بۇ يەردە مۇز چوققىسى بىلەن ئوت يۇرتى بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، چۆل-جەزىرە بىلەن بوستانلىقلار قوشنا، دەريا سۈيى ئۆركەشلەپ ئېقىپ، كۆللەر جىمجىتقىنا ئۇزاقلارغا سوزۇلغان، كەڭ كەتكەن بىر-بىرىگە تۇتاشقان ئوتلاقلار، بۈك-باراقسان ياپيېشىل ئورمانلار، بىپايان ھەم قەدىمىي چۆل-باياۋانلار» دېگەندەك جۈملىلەر كۆپ سالماقنى ئىگىلىگەن.

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بۇ يىل كىرگەندىن بېرى خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستانغا جەلپ قىلىش مەقسىتىدە مەدەنىيەت، ساياھەت، تەنتەربىيە قاتارلىق پائالىيەتلەردىن 900 دىن ئارتۇقنى تەشكىللىگەن. شۇنداقلا ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرىدا ھەقسىز كىرىش، بېلەت باھاسىنى چۈشۈرۈش، ئىستېمال بېلىتى تارقىتىش قاتارلىق 300 گە يېقىن تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش تەدبىرىنى يولغا قويغان.

خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا قورغاس ناھىيەسىدىكى ئۈستىقۇددۇس دېھقانچىلىق مەيدانى، قۇتۇبى ناھىيەسىدىكى تاشئالما چېچىكى بايرىمى، ئىلى ئۈستىقۇددۇس مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى، خوتەن قۇملۇق مەنزىرە رايونى، تارىم دەرياسى مەنزىرىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەندىن باشقا، تارباغاتايدىكى يايلاق مۇزىكا بايرىمى، 447 تۈرلۈك مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى، ئاقسۇ، كۇچا، كورلا قاتارلىق جايلاردىكى مۇزېيلارغا قويۇلغان تارىخىي يادىكارلىقلار كۆپلەپ تونۇشتۇرۇلغان.

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى»نىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل 1-پەسىلدە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان بويىچە جەمئىي 29 مىليون 424 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق خىتاي ساياھەتچىلىرى كۈتۈۋېلىنغان. خىتاي يېقىندا يەنە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ۋە تور بېكەتلىرىدە خىتاي ئاققۇنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا يەرلىشىشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان ئاتالمىش «بۇ يىل قانداقلا بولمىسۇن شىنجاڭغا بىر قېتىم كېلىش كېرەك» دېگەن ھەشتەك پائالىيتى باشلىغان.

شەرقىي تۈركىستاندىكى تۆمۈريول دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتايدىن چىققان پويىز شەرقىي تۈركىستاندىكى بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، خىتايدىن شەرقىي تۈركىستانغا ئۇلانغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تورىغا سىڭدۈرۈلگەن. خىتاي تەسىس قىلغان ئاتالمىش «بوشلۇق يىپەك يولى» تېخىمۇ كۆلەملەشتۈرۈلگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا پۇقراۋى ئايرودۇرۇملارنىڭ سانى 23 كە يەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلغان دۆلەتلىك A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىدىن جەمئىي 573 ى بار  ئىكەن. ئۇندىن باشقا خىتاي ئاققۇنلىرىنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاندا تۆت پەسىل يېزا ـ كەنت ساياھەت لىنىيەسى تەسىس قىلىنغاندىن سىرت، دۆلەت دەرىجىلىك ئىككى قار تېيىلىش ساياھەت-ئىستىراھەت ئورنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا 84 قار تېيىلىش مەيدانى تەسىس قىلىنغان.

خىتاي دائىرىلىرى خىتايلاشتۇرۇش پىلانىغا ئاساسەن، ئايرودۇرۇملارنىمۇ كۆپەيتكەن بولۇپ، 16-ئىيۇن ئارال تارىم ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشى پۈتۈپ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. نۆۋەتتە بۇ ئايرودۇرۇمدا ئىككى تۈركۈمدە 16 لىنىيە ئېچىش پىلانلانغان بولۇپ، بىرىنچى تۈركۈمدە (16-ئىيۇندىن 30-ئىيۇنغىچە) ئۈرۈمچى-ئارال، ئۈرۈمچى-قەشقەر، ئۈرۈمچى-ئارال-چېڭدۇ-خاڭجۇ قاتارلىق لىنىيەلەر تۇتاشتۇرۇلىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ تۇنجى قەدەمدە ئەقىلگە سىغمايدىغان تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا سولاپ، ئىسلامىي قىممەت قارىشىدىن، مىللىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى، ئىككىنچى قەدەمدە خىتاي ئاققۇنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈرۈش پىلانىنى زور كۈچ بىلەن ئىجرا قىلىپ،  جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەردىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئورنىنى خىتاي ئاققۇنلىرى بىلەن تولدۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى، ئۇيغۇرسىز قالغان بازار، مەھەللىلەرنى خىتايلار بىلەن تولدۇرۇپ، بۇ يەرنىڭ ئىگىسىنى خىتاي قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى مۇشۇ ھالەتتە داۋام قىلغان تەقدىردە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىختا ئىككىنچى ئەندەلۇس بولۇپ قېلىش خەۋپى بارلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1486 قېتىم كۆرۈلدى
18/06/2022 11:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق