ئامېرىكا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ئالاقىدار ئىستراتېگىيەسىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇنىي ئىجرائىيە خىزمەت گۇرۇپپىسى دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ باشچىلىقىدا 17-ئىيۇن «خىتاي مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق قازغان، ئىشلەپچىقارغان ياكى ياسىغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلەش ئىستراتېگىيەسى» ئېلان قىلدى.

«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» دېموكراتچىلار پارتىيەسى ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئورتاق قوللىشى بىلەن، ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ، 2021-يىلى 12-ئايدا پىرېزىدېنت بايدېننىڭ ئىمزا قويۇشى بىلەن رەسمىي كۈچكە ئىگە بولغانىدى. بۇ قانۇندا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قارار چىقىرىش ۋە قانۇننى يولغا قويۇشقا مۇناسىۋەتلىك ۋاقىت چەكلىمىسىنى بەلگىلىگەن. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نى يولغا  قويۇشنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ئىمپورت سودىگەرلىرى، پارلامېنت ۋە باشقا مۇھىم مەنپەئەتدار ئورگانلار بىلەن پائال ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئاندىن بۇ ئىستراتېگىيەنى ئېلان قىلغان.

دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيا مىقياسىدىكى قەبىھ مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشىغا خاتىمە بېرىشكە تىرىشىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەت توپىنى داۋاملىق سىستېمىلىق باستۇرۇپ، ئېكسپلاتاتسىيە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرى ئالېھاندىرو مايوركاس بۇ ھەقتە: «بىز چوقۇم ئىنسانپەرۋەرلىككە يات بۇ ئېكسپلاتاتسىيە قىلمىشلارغا زەربە بېرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قانۇنلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ چېگرايىمىزدىن كىرىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك» دېگەن.

دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇنىي ئىجرائىيە خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى روبېرت سىلۋېرس بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەك ۋاسىتىسى بىلەن ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلار ياكى ئىستراتېگىيەدە كۆرسىتىلگەن بەزى ئورۇنلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلمىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ۋە قايىل قىلارلىق پاكىت بىلەن تەمىنلىمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىنىشىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى 21-ئىيۇندىن باشلاپ ئىمپورت قىلىنغان ماللارنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»غا ئاساسەن تەكشۈرۈپ، قايتۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى بېكىتىپ چىقىدىكەن. شۇ كۈندىن تارتىپ مەجبۇرىي ئەمگەك  ۋاسىتىسى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشى بىردەك چەكلىنىدىكەن.

مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇنىي ئىجرائىيە خىزمەت گۇرۇپپىسى ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى، ئامېرىكا سودا ۋاكالەت ئىشخانىسى ۋە ئەمگەك بۆلۈمى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، مالىيە ۋە سودا مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورۇنلاردىن ھالقىغان بىر ئامېرىكا ئورگىنى ھېسابلىنىدۇ.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1314 قېتىم كۆرۈلدى
18/06/2022 13:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق