خىتاينىڭ 17 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر كەلكۈنگە دۇچ كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

خىتاينىڭ گۇاڭشى، گۇاڭدۇڭ، ئەنخۇي، جېجياڭ، گۈيجۇ قاتارلىق ئۆلكىلىرىدە ئۇدا نەچچە كۈن قاتتىق يامغۇر ياغقان بولۇپ، ئاخىرىدا يامغۇر كەلكۈنگە ئۆزگەرگەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، خىتاي بۇ يىل 17 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ كەلكۈن ئاپىتىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن، شۇنداقلا نۇرغۇن جايلاردا لاتقا-شېغىللىق ئېقىن يۈز بېرىشى، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆلۈشى مۇمكىن ئىكەن.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مەركىزىي مېتېئورولوگىيە كۆزىتىش ئىدارىسى 19-ئىيۇن سائەت 18:00 گىچە داۋاملىق قارا يامغۇردىن مۇداپىئەلىنىش سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇشى چىقارغان. شۇنداقلا 19-ئىيۇن كېچىدىن 20-ئىيۇن كېچىگىچە ئىچكى موڭغۇلىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى قىسمەن رايونلار، چاڭجاڭ دەرياسىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىي رايونلىرى، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ۋە شىمالىي رايونلىرىدا قاتتىق يامغۇر ياغىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە جياڭشىنىڭ شىمالى، ئەنخۇينىڭ جەنۇبى، جېجياڭنىڭ غەربى، گۇاڭشىنىڭ شەرقىي شىمالى، گۇاڭدۇڭنىڭ شىمالى قاتارلىق رايونلاردا قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بىر قىسىم رايونلاردا گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر ۋە كۈچلۈك شاماللىق ھاۋا بىرگە كېلىدىكەن.

ئۆتكەن ئىككى كۈندە خىتاي دائىرىلىرى ئۇدا يامغۇرلۇق ھاۋارايىدىن ئاگاھلاندۇرۇش تارقاتقان بولۇپ، قاتتىق يامغۇرنىڭ تەسىرىدە خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى نۇرغۇن جايلاردا كەلكۈن كەلگەن. مۇناسىۋەتلىك تارماقلار قاپسىلىپ قالغان كىشىلەرنى يۆتكەشكە ئەۋەتىلگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي سۇچىلىق مىنىستىرلىقى 18-ئىيۇن كەلكۈن ئەھۋالى ھەققىدە جىددىي ئۇقتۇرۇش تارقاتقان. ئۇقتۇرۇشتا 20-ئىيۇن شىجياڭ دەرياسىدا قايتىدىن ئېغىر كەلكۈن كېلىشى مۇمكىنلىكى، جۇجياڭ دەرياسى ئويمانلىقىدا قاتتىق كەلكۈن كېلىشى مۇمكىنلىكى، بۇ رايونلار كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.

نۆۋەتتە خىتاي سۇچىلىق مىنىستىرلىقى گۇاڭدۇڭ ۋە گۇاڭشى ئۆلكىسىدىكى كەلكۈن ۋە قۇرغاقچىلىق ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن 3-دەرىجىلىك جىددىي تاقابىل تۇرۇش ھالىتىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى، فۇجيەن، جياڭشى، خۇنەن، گۈيجۇ ۋە يۈننەن قاتارلىق بەش ئۆلكىدە 4-دەرىجىلىك جىددىي تاقابىل ھالىتىنى ساقلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

2022-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ، خىتاينىڭ جەنۇبىي رايونى بىر نەچچە قېتىم قاتتىق يامغۇرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، نۇرغۇن ئۆلكىلەردە دەريا سۈيى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ، ئېغىر كەلكۈن كەلگەن. فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ سۇڭشى ناھىيەسى تارىختىكى ئەڭ چوڭ كەلكۈن ئاپىتىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، شەھەر رايونى سۇ ئاستىدا قالغان. گۇاڭشىنىڭ روڭشۈيدىكى بىر بىنانى كەلكۈن ئېقىتىپ كەتكەن بولۇپ، بەش ئادەم ئۆلگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 932 قېتىم كۆرۈلدى
20/06/2022 14:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق