شەرقىي تۈركىستاندا يەنە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بايقالدى

19-ئىيۇن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش «ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش 11-دىۋىزىيەسى»دە كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىدىن ئىككىسى كۆپەيگەن بولۇپ، خىتاي «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش» باھانىسى بىلەن، شەرقىي تۈركىستاندىكى كونتروللۇقنى داۋاملىق كۈچەيتمەكتە.

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا 19-ئىيۇن 24 سائەت ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار كۆرۈلمىگەنلىكى، كېسەللىك ئالامىتى يوق ئىككى يۇقۇملانغۇچىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. مەزكۇر ئىككى بىمار 18-ئىيۇن ئېلان قىلىنغان كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن زىچ ئۇچراشقانلار بولۇپ، تېببىي كۆزىتىش نۇقتىسىدىكى تېببىي تەكشۈرۈشتە بايقالغان. نۆۋەتتە بىمارلار نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتىغا ئاپىرىلىپ، ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىشكە باشلىغان.

مەزكۇر دىۋىزىيەدە تارقىلىشچان كېسەللىكلەر بويىچە تەكشۈرۈش، يېقىن ئۇچراشقۇچىلارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ۋە ئىز قوغلاشنى ئومۇميۈزلۈك باشلىغان بولۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈپ چىقىلغان يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلگەن. شۇنداقلا يۇقىرىدا ئېيتىلغان كىشىلەر ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى مەھەللە، خىزمەت ئورنى ۋە پائالىيەت يولىغا چېتىلىدىغان ئورۇنلارغا ۋاقىتلىق پېچەتلەش، تىزگىنلەش، باشقۇرۇش تەدبىرى يولغا قويۇلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رېجىمى ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى باھانە قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدا قامالنى ۋە نازارەتنى داۋاملىق كۈچەيتكەن. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېتمۇ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى جەريانىدا چەكلىمىلىك ھەرىكەت قىلغانلىقىنى، بۇنىڭدا خىتاي ۋىرۇسىغا قارشى تەدبىرلەرنىڭ ئاساسلىق سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1172 قېتىم كۆرۈلدى
20/06/2022 14:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق