كۇڭزى ئىنستىتۇتى فىنلاندىيەدىمۇ تاقىلىشقا باشلىدى

يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى غەرب ئەللىرىدىكى كۆپلىگەن ئۇنىۋېرسىتېتلار كۇڭزى ئىنستىتۇتىنى خىتاينىڭ تەشۋىقات قورالى، دەپ تاقاشقا باشلىغان بولۇپ، ئالدىنقى كۈنلەردە فىنلاندىيەنىڭ خېلسىنكى ئۇنىۋېرسىتېتىمۇ كۇڭزى ئىنستىتۇتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى ئاخىرلاشتۇردى.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خېلسىنكى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خىتاي رېجىمىنىڭ كۇڭزى ئىنستىتۇتى تۈرىنى يەنە داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى، بۇ ھەقتە مەكتەپ دائىرىلىرى بىلەن ئالاقىلاشقانلىقىنى، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ بۇ تۈردىكى ھەمكارلىقىنى داۋاملاشتۇرمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇنىڭغا ئاساسەن، خېلسىنكى ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن خىتاينىڭ 2007-يىلىدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ھەمكارلىقى كېلەر يىلى 1-ئايدا ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، ئۇنىۋېرسىتېتتىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتى رەسمىي تاقىلىدىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، فىنلاندىيەدىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتى بۇندىن ئىلگىرى كىشىلەرنىڭ خىتاي كوممۇنىست رېجىمىغا ئالاقىدار سەزگۈر تېمىلار ھەققىدە توختىلىشىنى چەكلەشكە ئۇرۇنغان. فىنلاندىيەدىن باشقا يەنە شىۋېتسىيە، دانىيە قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارمۇ بۇندىن ئىلگىرى كۇڭزى ئىنستىتۇتىنى ئارقا-ئارقىدىن تاقىغان. ئۇندىن باشقا گېرمانىيەنىڭ مائارىپ مىنىستىرى بېتىنا سىتارك ۋاتزىنگېرمۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي بىلەن يىراق ئارىلىق ساقلاش كېرەكلىكىنى، بولۇپمۇ ئىلىم ساھەسىدە تېخىمۇ شۇنداق قىلىش كېرەكلىكىنى، ئەگەر ئۆزى ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرى بولۇپ قالسا، كۇڭزى ئىنستىتۇتى تەسىس قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي تىلى ۋە خىتاي مەدەنىيىتىنى تارقىتىدىغان كۇڭزى ئىنستىتۇتى «خىتاي رېجىمىنىڭ چەت ئەلدىكى تەشۋىقات قورالى، يۇمشاق كۈچىنى كېڭەيتىش پىلانىنىڭ بىر قىسمى» دەپ قارالماقتا. نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيادىكى 500 نەچچە ئۇنىۋېرسىتېتتا كۇڭزى ئىنستىتۇتى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئىنستىتۇتنىڭ خىزمەتچىلىرى خىتاي رېجىمى تەرىپىدىن تەيىنلىنىپ كەلمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 760 قېتىم كۆرۈلدى
20/06/2022 14:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق