خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا خىتايچە سوتسىيالىزم قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى

17-ئىيۇن ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى»نىڭ 165-قېتىملىق دائىمىي يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ، يىغىندا خىتاي ئەمەلدارلىرى شەرقىي تۈركىستاندا يېڭى دەۋردىكى خىتايچە سوتسىيالىزم بەرپا قىلىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

خىتاي ئالدىنقى بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر تېررور سىياسىتىنى ئىجرا قىلغان بولۇپ، بۇ جەرياندا مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا سولاپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەندىن سىرت، ئاتالمىش «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش»، «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش» قاتارلىق ناملار ۋە باھانىلەر بىلەن، ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلىماقتا، ئۇيغۇرلارنى باشقا يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلىش ۋاسىتىلىرى بىلەن تارقاقلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت مۇھىتىدىن يىراقلاشتۇرماقتا ھەمدە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى مەجبۇرىي ھالدا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىپ، خىتاي مەدەنىيەت مۇھىتىدا پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇپ، مىللىي كىملىك، مىللىي مەدەنىيەتتىن مەھرۇم قىلغان ھالدا يېتىشتۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي رېجىمى يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئىزچىل تۈردە شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «خىتايچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش»نى كۆپلەپ تەكىتلىمەكتە.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 20-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ قورچاق رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 17-ئىيۇن ئېچىلغان 165-قېتىملىق دائىمىي يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى قايتا تەكىتلەپ: «ياشلارنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى خىتايچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ياشلارنى پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاشقا، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا تەربىيەلەپ يېتەكلەش كېرەك» دەپ جار سالغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ھەرخىل رەزىل ۋاسىتىلەر ۋە تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تۈرلۈك مەدەنىيەتلىرىنى چەكلەپ، ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىنى، قول-ھۈنەرۋەنچىلىك، بىناكارلىقتىن تارتىپ، ھەتتا ئۆي-سەرەمجانلىرىنىمۇ پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن ماس قەدەمدە خىتاي مەدەنىيىتىنى ئالاھىدە تەشۋىق قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن باستۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى، يېقىنقى مەزگىللەردە يەنە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇشنى، ئۇلارنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە مۇتلەق ئەگەشتۈرۈشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1345 قېتىم كۆرۈلدى
20/06/2022 16:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق