ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى

ئامېرىكا تاموژنا دائىرىلىرى ئۇزۇن مەزگىللىك تەييارلىقلارنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 21-ئىيۇندىن تارتىپ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نى رەسمىي ئىجرا قىلىشقا باشلىدى.

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ بۇ ئاينىڭ بېشىدىكى باياناتىدا ئالاقىدار تەييارلىقلارنىڭ پۈتۈپ بولغانلىقىنى، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نى 21-ئىيۇندىن تارتىپ رەسمىي ئىجرا قىلىشقا باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ئۇزۇن مۇددەتلىك تالاش-تارتىشلاردىن كېيىن بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا رەسمىي ماقۇللانغان ۋە يېرىم يىل تەييارلىق خىزمەتلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن مەزكۇر قانۇن بۈگۈن رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى.

«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»غا ئاساسەن، ئەگەر ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار دائىرىلىرى تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئەمگەك يوق، دەپ ئىسپاتلانمىغان تەقدىردە، شەرقىي تۈركىستاندا ياكى شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دائىرىلىرىگە چېتىشلىق زاۋۇت-كارخانىلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق مەھسۇلاتلار مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ ۋە بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىنىشى چەكلىنىدۇ.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر مەزكۇر قانۇننىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشلىرىنى ئۈنۈملۈك توسالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يەنە بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر بولسا كۆپلىگەن شىركەت-كارخانىلارنىڭ بۇ قانۇننى ئىجرا قىلىشى تەسكە توختايدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇلارنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى، يەنە كېلىپ خىتايدا مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىغا قاراپ چىقىدىغان ئۈچىنچى تەرەپ باھالىغۇچىلارنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەمىنلىگۈچى شىركەتلەرنىڭ ئالاقىدار قانۇنىي ئىسپاتلارنى تەييارلىشى ئۈچۈن كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى 13-ئىيۇن 17 بەتلىك «ئىمپورت قىلغۇچىلارنىڭ ھەرىكەت يېتەكچىسى» ناملىق كۆرسەتمىنى ئېلان قىلغان.

خىتاينىڭ ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسى باياناتچىسى ليۇ پېڭيۈ بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە ئالاقىدار ئەيىبلەشلەرنى خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ ئويدۇرۇپ چىقارغانلىقى، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى نىشان قىلغانلىقى، بۇ ھەرىكەتنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى تەمىنلەش زەنجىرى ۋە سودا سىستېمىسىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 696 قېتىم كۆرۈلدى
21/06/2022 12:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق