تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئىدارە ھەيئەت يىغىنىدا بىر قىسىم قارارلار چىقىرىلدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرى 20-ئىيۇن ئىستانبۇلدا مۇزاكىرە يىغىن ئېچىپ، بۇ يىللىق كۈنتەرتىپتىكى تېمىلارنى مۇزاكىرە قىلدى ھەمدە بىر قىسىم مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇشلار ھەققىدە قارار چىقاردى.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان، ھەرقايسى ئەزا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ياكى ۋەكىللىرى قاتناشقان يىغىندا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 13 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا قارشى ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتلەر، بۇ يىللىق قۇربان ھېيتلىق يىغىلىش پائالىيىتى، دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە مىللىي بىرلىك شۇراسىنىڭ بۇ يىللىق خىزمەت كۈنتەرتىپى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 13 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان خىتايغا قارشى نامايىشنى بۇ يىلمۇ ئوخشاشلا 5-ئىيۇل سائەت 11:00 دە خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى.

يىغىندا يەنە بۇ يىللىق قۇربان ھېيتتا مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جەم قىلىش ئۈچۈن، كوللېكتىپ ھېيتلىشىش پائالىيىتىنى قۇربان ھېيتنىڭ ئۈچىنچى كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇش قارار قىلىندى.

ئۇندىن باشقا ھەيئەت ئەزالىرى يەنە بۇ يىل ئۆتكۈزۈلىدىغان 14-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 5-نۆۋەتلىك مىللىي بىرلىك شۇراسىغا ئالاقىدار خىزمەت كۈنتەرتىپىنى مۇزاكىرە قىلىپ، ئالاقىدار قارارلارنى بېكىتتى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1562 قېتىم كۆرۈلدى
21/06/2022 12:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق