شى جىنپىڭ دەۋرىدە پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ سانى رېكورت ياراتقان

يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، چەت ئەلگە چىقىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەنلەرنىڭ سانى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 19-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ب د ت مۇساپىرلار كومىتېتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن ئون يىلدا ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلانغانلارنىڭ سانى ھەر يىلى كۆپىيىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن. بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە دۇنيادىكى ئۇرۇش، زوراۋانلىق، كىشىلىك ھوقۇققا زىيانكەشلىك قىلىش سەۋەبىدىن مۇساپىرغا ئايلانغانلارنىڭ سانى 89 مىليون 300 مىڭغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8 ئاشقان بولۇپ، ئون يىل ئىلگىرىكىگە قارىغاندا بىر ھەسسىدىن ئارتۇق كۆپەيگەن.

كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان يېرى شۇكى، ئۇرۇشنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىمىغان ۋە ھاللىق سەۋىيەگە كىردى، دەپ قارالغان خىتايدا شى جىنپىڭ رەئىس بولغان مەزگىلدە، خىتايدىن قېچىپ چىقىپ، سىياسىي پاناھلىق تىلىگەنلەرنىڭ سانىمۇ يىلدىن-يىلغا كۆپەيگەن. خىتاي ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى سەۋەبىدىن خىتايغا كىرىش-چىقىش ساياھەت لىنىيەسى توختاپ قالغان ياكى چەكلەنگەن مەزگىللەردىمۇ بۇ يۈزلىنىشتە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولمىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ب د ت مۇساپىرلار كومىتېتى 16-ئىيۇن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 2019-، 2020- ۋە 2021-يىللىرى چەت ئەلدە سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ سانى ئايرىم-ئايرىم ھالدا تەخمىنەن 104 مىڭ، 108 مىڭ ۋە 118 مىڭدىن ئارتۇق ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، شى جىنپىڭ 2012-يىلى خۇ جىنتاۋنىڭ ئورنىغا رەئىس بولغاندىن باشلاپ، ھەر يىل تەخمىنەن 12 مىڭ خىتاي پۇقراسى چەت ئەلدىن پاناھلىق تىلىگەن. 2019-يىلغا كەلگەندە بۇ سان 100 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. خىتاي ۋىرۇسىنىڭ كەڭ تارقىلىشى سەۋەبىدىن خىتاي ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ساياھەتكە قاتتىق چەكلىمىلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا قارىماي، 2020-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا چەت ئەلدىن پاناھلىق تىلىگەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ سانى داۋاملىق ئېشىپ، 120 مىڭغا يېقىنلىشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان.

كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بىلەن باشقۇرۇشنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات «قوغدىغۇچى مۇھاپىزەتچىلەر»نىڭ بۇ ھەقتىكى تەھلىلىگە ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن بىر يىلدىلا خىتايدىن چىققان پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ سانى خۇ جىنتاۋ تەختتە ئولتۇرغان سەككىز يىلدىكى ئومۇمىي ساندىن ئېشىپ كەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 2012-يىلدىن بۇيان خىتايدىن قېچىپ چىقىپ، سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن كىشىلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 730 مىڭغا يەتكەن. ئۇندىن باشقا يەنە 170 مىڭدىن ئارتۇق كىشى خىتاي سىرتىدا مۇساپىر بولۇپ ياشىماقتىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 867 قېتىم كۆرۈلدى
21/06/2022 12:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق