گوللاندىيەدە «ئۇيغۇر يەرمەنكىسى» ئۆتكۈزۈلدى

ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرى گوللاندىيەنىڭ زېيىست شەھىرىدە «ئۇيغۇر يەرمەنكىسى» ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يەرلىك خەلققە ئۇيغۇر كۈلتۈرى ۋە تارىخى تونۇشتۇرۇلدى.

18-، 19-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر پائالىيەتنى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقى «ئۇيغۇر يەرمەنكىسى»نىڭ كۆلىمى بىرقەدەر چوڭ بولغان. پائالىيەتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا زېيىست شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى كوس يانسېن ئەپەندى ئايالى بىلەن بىللە ئىشتىراك قىلغاندىن باشقا، بىر قىسىم ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان.

پائالىيەتكە يەنە جازا لاگېرى شاھىتلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق، گۈلباھار جېلىلوۋا، ئۆمەر بېكالى قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، شەھەر ئەمەلدارلىرىغا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تونۇشتۇرغان.

بۇ قېتىملىق يەرمەنكىگە تۈرلۈك ئۇيغۇر تائاملىرى، تاتلىق-تۈرۈملەر قويۇلغاندىن باشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنىڭ بەلگىسى بولغان ھەرخىل كىيىم-كېچەكلەر، دوپپىلار ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرچە كىتابلار قويۇلغان. يەرمەنكىگە گوللاندىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار، گوللاندىيەلىكلەر، تۈركلەر، شۇنداقلا گېرمانىيە ۋە بېلگىيەدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارمۇ ئىشتىراك قىلغان.

گوللاندىيەدىكى «ئۇيغۇر يەرمەنكىسى» ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ باشچىلىقىدا 2014-يىلى 4-ئايدا «ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك يەرمەنكىسى» نامىدا باشلانغان بولۇپ، شۇنىڭدىن بېرى ھەر يىلى ئىككى قېتىم ئىزچىل ئۆتكۈزۈپ كەلگەن. بىراق ئارىلىقتا خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك ۋاقىتلىق توختاپ قالغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، يەرمەنكىنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يەرلىك خەلقلەرگە تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيەتكە ئىگە، خىتايدىن پەرقلىق بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىش ھەمدە ئۇيغۇرلارغا ئۆز مىللىي كىملىكى ۋە كۈلتۈرىنى ئەسلىتىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ چەت ئەلدە ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1507 قېتىم كۆرۈلدى
21/06/2022 13:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق