تەشكىلاتلار بىرلىكى مالايشىيادىن كەلگەن تەشكىلات ۋەكىللىرىنى كۈتۈۋالدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى 20-ئىيۇن مالايشىيادىن كەلگەن «ئابىم» ۋە «ۋاداخ» تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى مۇھەممەد خەيرۇل ئەنۋەر بىلەن «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مالايشىيا فوندى»نىڭ قۇرغۇچىسى زۇھرى يۇھيى ئەپەندىلەرنى كۈتۈۋالدى.

مېھمانلارنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىراجىدىن ئەزىزى، كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇرېھىم ئەزىزئوغلى، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان قاتارلىق تەشكىلات مەسئۇللىرى كۈتۈۋالدى.

كۆرۈشۈشتە مېھمانلارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى تونۇشتۇرۇلغاندىن سىرت، تەشكىلاتلار ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

مالايشىيادا زور تەسىرگە ئىگە «ئابىم»، «ۋاداخ» تەشكىلاتلىرى يېقىندىن بېرى مالايشىيادا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قوللاپ، كۆپ قېتىم پائالىيەت تەشكىللىگەن. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى، جۈملىدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى مالايشىيا ھۆكۈمىتى ھەمدە مالايشىيا مۇسۇلمانلىرىغا تونۇشتۇرۇشتا ئۈنۈملۈك رول ئويناپ كەلمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1479 قېتىم كۆرۈلدى
22/06/2022 11:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق