تۇنىس پىرېزىدېنتى: يېڭى ئاساسىي قانۇننى ئىسلام شەرىئىتىنىڭ تەلىپىگە يەتكۈزۈشكە تىرىشىمىز

تۇنىس پىرېزىدېنتى كەيس سەئىد 21-ئىيۇن يېڭى ئاساسىي قانۇنى ئىسلام شەرىئىتىنىڭ مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تۇنىس پىرېزىدېنتى كەيس سەئىد تۇنىس-كارتاج ئايرودۇرۇمىدىن مەككىگە ئۇچىدىغان تۇنجى ئايروپىلاندىكى ھاجىلارنى ئۇزىتىش داۋامىدا سۆز قىلىپ: «ئىسلام دىنى مەسىلىسى ئىنسانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. دۆلەت بولسا ئىسلام شەرىئىتىنىڭ مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن تىرىشىدىغان ۋاسىتىدۇر» دېگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، تۇنىستا جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاساسىي قانۇن لايىھەسىنى تۈزۈشكە مەسئۇل مەسلىھەت ئورگىنىنىڭ باشلىقى تۇنىس ئاساسىي قانۇنى بىرىنچى بابىدىكى ھازىرقى مەزمۇننىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى مۇمكىنچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، تۇنىسنىڭ 2014-يىلىدىكى ئاساسىي قانۇننىڭ بىرىنچى بابىدا: «تۇنىس ئەركىن، مۇستەقىل ۋە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت. ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى، ئەرەب تىلى دۆلەت تىلى، دۆلەت تۈزۈلمىسى جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى بولۇپ، بۇ تۈرۈلمە 1959-يىلدىن باشلاپ تۇنىسنىڭ ئاساسىي قانۇنى بولۇپ كەلدى» دېيىلگەن.

كەيس سەئىد سۆزىدە ئىلگىرىكى تۈزۈمنىڭ ئىسلامغا زىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بىز ئاساسىي قانۇن تۈزۈپ چىقىشتا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بىر دۆلەت ھەققىدە ئەمەس ، بەلكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۈممەت ھەققىدە ئىزدىنىمىز» دېگەن. كەيس سەيىد سۆزىدە يەنە يېڭى ئاساسىي قانۇننىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن.

تۇنىس پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى دۈشەنبە سەئىدنىڭ كارتاج سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، سەئىدنىڭ باياناتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە تۇنىس پىرېزىدېنتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان سىندا سادىقنىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇن لايىھەسىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

تۇنىس بۇلتۇر 25-ئىيۇلدىن باشلاپ ئېغىر سىياسىي كىرىزىسقا دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا كەيس سەئىد پارلامېنتنىڭ ھوقۇقىنى توڭلىتىش، پەرمان بىلەن قانۇن چىقىرىش، ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيەسىنى توختىتىش ۋە باشقا تاللاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاھىدە تەدبىرلەرنى ئىشقا سالغانىدى. بىر قانچە سىياسىي ۋە پۇقراۋى تەشكىلاتلار سەئىدنىڭ بۇ تەدبىرلىرىنى رەت قىلغانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3284 قېتىم كۆرۈلدى
22/06/2022 11:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق