خىتاي ئاتالمىش «مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» سىياسىتىنى كۆپلەپ تەكىتلىمەكتە

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باش ئەمەلدارى ما شىڭرۈي ئاتالمىش «شىنجاڭ سەنئەت مەركىزى»گە تەكشۈرۈشكە بارغاندا «مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» دېگەن نامدا پەردازلاپ كېلىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى قايتا تەكىتلىدى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 21-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»نىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي ئاتالمىش «شىنجاڭ سەنئەت مەركىزى»نى تەكشۈرۈش جەريانىدا، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ چىڭىتىلىدىغانلىقىدىن، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتايلاشتۇرۇشنى نىشان قىلغان ئىسلام ئېتىقادى ۋە مىللىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاش سىياسىتىدىن بېشارەت بەرگەن. ئۆ سۆزىدە «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش، سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچنى مۇجەسسەملەش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان مەدەنىيەت-سەنئەت ئەسەرلىرى ۋە پائالىيەتلىرىنى كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىرىش كېرەك» دەپ بىلجىرلاپ، داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تېررور سىياسىتىنى قايتا تەكىتلىگەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رېجىمى يەنە ئاتالمىش «سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئوبرازىغا ئىگە بىر تۈركۈم نۇقتىلىق قۇرۇلۇش ۋە تۈرلەرنى پىلانلاپ قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش» دېگەندەك ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ئالاقىدار ئىبارىلىرىنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن.

خىتاي ئىشغالىيەت تارىخىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن باستۇرۇپ يوقىتىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن بولۇپ، يېقىنقى مەزگىللەردە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەدەنىيىتىنى، تارىخىنى بۇرمىلاپ خەلقنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش، ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاپ، سىستېمىلىق، ئومۇميۈزلۈك ھالدا تېررور سىياسىتى ئىجرا قىلماقتا.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشى ۋە جازالىشىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، بىراق ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۆز جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە خىتاي مەدەنىيىتىنى مەجبۇرىي تېڭىش بىلەن بىرگە، تۈرلۈك تەشۋىقات ۋە پىلانلىق ئۇرۇنۇشلىرىنى تېخىمۇ كۈچەپ ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1302 قېتىم كۆرۈلدى
22/06/2022 13:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق