ئادۋوكاتلار خەلقئارالىق سوتنى خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى تەكشۈرۈشكە چاقىردى

خەلقئارالىق ئادۋوكاتلار خىتاينىڭ جىنايەتلىرى ھەققىدىكى يېڭى دەلىل-ئىسپاتلارنى قايتا ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقئارالىق جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىر تۈركۈم خەلقئارالىق ئادۋوكاتلار 20-ئىيۇن ئالاقىدار تەپتىش ئەمەلدارلىرىغا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى ئىسپاتلايدىغان يېڭى ئىسپات ھۆججىتىنى سۇنغان ھەمدە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە ئىجرا قىلىۋاتقان ئېغىر جىنايەتلىرىگە قارىتا دېلو تۇرغۇزۇشقا چاقىرغان.

بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئادۋوكاتلار ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى دەلىل-ئىسپاتلار خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كەڭ كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئەڭ يېڭى تىرىشچانلىقى ئىكەن. يېڭى ئىسپات بولسا 2018-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرىدىن قېچىپ چىققان بىر شاھىتنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. شاھىتنىڭ گۇۋاھلىق سۆزىدە ئۇ ۋە جازا لاگېرىدىكى باشقا كىشىلەر دۇچ كەلگەن قىيىن-قىستاققا ئېلىنىش ۋە نامەلۇم ماددىلار ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇلۇش قاتارلىق جىنايەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەزكۇر ئادۋوكاتلارنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە خىتاي خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئەزا بولمىسىمۇ، ئەمما خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈش باشلاش ھوقۇقى بار ئىكەن. چۈنكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئەزا دۆلەتلەردە تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.

ئادۋوكاتلار خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدىن بېرمىدىكى قىرغىنچىلىق ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى تەكشۈرۈشتە ئۆرنەك قىلىشنى تەلەپ قىلغان. روھىنگيا دېلوسىدا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا 2019-يىلى سوت كوللېگىيەسىنىڭ «ئەزا دۆلەتلەر زېمىنىدا سادىر قىلىنغان بەزى جىنايەتلەرگە قارىتا باشقۇرۇش ھوقۇقى يۈرگۈزەلەيدىغانلىقى» ھەققىدە قارار چىقارغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بېرما ئارمىيەسى ئالدىنقى يىللاردا روھىنگيا مۇسۇلمانلىرىغا كەڭ كۆلەمدە زىيانكەشلىك قىلىپ، نەچچە يۈز مىڭ روھىنگيا مۇسۇلمانلىرىنى چېگرادىن بېنگالغا قېچىشقا مەجبۇرلىغان. بېرما خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەزاسى بولمىسىمۇ، ئەمما بېنگال مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا بولغانلىقتەك دەلىل بىلەن، بېرما ئارمىيەسىگە قارىتا دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلگەن.

ئادۋوكاتلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ جىنايەتلىرى ھەققىدە تەپتىش ئەمەلدارىغا سۇنغان دەلىل-ئىسپاتلاردا خىتاينى سوتلاش پىلانلىرىنىڭ تەپسىلاتى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەزكۇر دەلىل-ئىسپاتلاردا خىتاينىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئەزا قوشنا دۆلەتلەر تەۋەلىكىدە ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنى مەجبۇرىي ھالدا خىتايغا قايتۇرۇپ كېتىش ئەھۋاللىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە بۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تاجىكىستان ھۆكۈمىتى ئارقىلىق تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ تاجىكىستاندىن مەجبۇرىي ھالدا شەرقىي تۈركىستانغا قايتۇرۇلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن.

20-ئىيۇن يېڭى ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان ئادۋوكاتلار باياناتىدا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەزا دۆلەتلەر زېمىنىدا باشلانغان ۋە خىتاينىڭ قولىدا داۋاملاشقان جىنايەتلەرگە قارىتا باشقۇرۇش ھوقۇقى بارلىقىنى، شۇڭا خىتايغا قارىتىلغان تەكشۈرۈشنى دەرھال باشلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 762 قېتىم كۆرۈلدى
22/06/2022 14:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق