ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلار تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى تەشكىلاتلار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى 22-ئىيۇن ھىندىستاندىن كەلگەن «پارلاق ھىندىستان ۋەقفى»نىڭ رەئىسى ئابدۇلەتىف كالور باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى.

مېھمانلارنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرېشىت ئەمىن قاتارلىقلار بىرلىكتە كۈتۈۋالدى.

كۆرۈشۈشتە مېھمانلارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخى، نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى تونۇشتۇرۇلدى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىغا تونۇتۇش مەسىلىسى ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

«پارلاق ھىندىستان ۋەقفى» ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلار تەشكىلاتلىرى ئىچىدە ئوقۇ-ئوقۇتۇش، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي ياردەم ساھەسىدە ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى قىلىۋاتقان، بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە ئىسلامىي جەمئىيەت بولۇپ، ئۇلار بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتا شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1604 قېتىم كۆرۈلدى
22/06/2022 23:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق