خىتاي يېقىنقى تارىختىكى ئەڭ ئېغىر كەلكۈنگە دۇچ كەلدى

خىتاينىڭ بەزى رايونلىرى يۈز يىلدا بىر كۆرۈلىدىغان ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئىقتىسادىي زىيان بىر نەچچە كۈن ئىچىدىلا 100 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن.

ۋاڭ يى تورىنىڭ 22-ئىيۇندىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، گۇاڭدۇڭدىكى شاۋگۈەن ۋە چىڭيۈەندىن ئىبارەت ئىككى شەھەردە بىر نەچچە كۈن ئۇدا قاتتىق يامغۇر ياغقان. بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بېيجياڭ دەرياسىنىڭ ئاساسلىق ئېقىنلىرىدىكى سۇ مىقدارى ئاگاھلاندۇرۇش سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، دەرىجىدىن تاشقىرى كەلكۈن ئاپىتىگە دۇچ كەلگەن. نۆۋەتتە كەلكۈن خىتايدىكى 113 دەريا-ئۆستەڭگە ھۇجۇم قىلغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ جۇجياڭ دەرياسى سۇ ئىشلىرى كومىتېتى 22-ئىيۇن سائەت 12 دىن ئاشقاندا ئاپەتنىڭ جىددىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەن ھەمدە كەلكۈندىن قىزىل ئاگاھلاندۇرۇش ئۇقتۇرۇشى چىقارغان. يامغۇرنىڭ تەسىرىدە 22-ئىيۇن سائەت 12:00 دە بېيجياڭ دەرياسىنىڭ ئېقىم مىقدارى 18 يېرىم مىڭ كۇب مېتىر ھەر سېكۇنتقا يەتكەن بولۇپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىن ئېشىپ كەتكەن. سائەت 14:00 دە گۇاڭدۇڭنىڭ يىڭدېدىكى سۇ ئورنى 36 مېتىرغا يېتىپ، ئاگاھلاندۇرۇش سەۋىيەسىدىن 10 مېتىرغا يېقىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ سۇنىڭ مىقدارى 1994-يىلى 6-ئايدا كۆرۈلگەن ئەڭ يۇقىرى سۇ ئورنىدىن بىر مېتىر ئېشىپ كەتكەن، شۇنداقلا 1931-يىلىدىكى ئەڭ يۇقىرى سۇ ئورنىدىنمۇ يۇقىرى بولغان بولۇپ، يۈز يىلدا بىر قېتىم كۆرۈلگەن ئاپەت دېيىشكە بولىدىكەن.

خىتايدىكى قىسمەن دېھقانچىلىق مەيدانى كەلكۈن ئاپىتىدە دېڭىزغا ئايلانغان بولۇپ، گۇاڭدۇڭدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 1 مىليارد 756 مىليون يۈەنگە يەتكەن. گۇاڭدۇڭ دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن گۇاڭدۇڭدىكى نۇرغۇن جايلاردا قاتتىق يامغۇر كەلكۈنگە ئۆزگىرىپ، تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 20-ئىيۇن سائەت 11:00 گىچە شاۋگۈەن، چىڭيۈەن قاتارلىق كۆپلىگەن جايلاردا جەمئىي 480 مىڭغا يېقىن كىشى ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، بۇزۇلغان زىرائەتلەرنىڭ كۆلىمى 27.13 گېكتارغا يەتكەن، 1729 ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن.

چىڭيۈەن شەھىرىدىكى دېھقانچىلىق ئىشلىرىمۇ ئاپەتنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، 21-ئىيۇنغىچە بولغان ئارىلىقتا ۋەيران بولغان زىرائەتلەرنىڭ كۆلىمى 3526 گېكتارغا يەتكەن. چارۋا ماللاردا كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي زىيان 5 مىليون يۈەن، ئۆي قۇشلىرىدا كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي زىيان 4 مىليون 600 مىڭ يۈەندىن ئاشقان. ئۇندىن باشقا بېلىق كۆلچەكلىرىمۇ ئاپەتكە ئۇچرىغان بولۇپ، ئىقتىسادىي زىيان 20 مىليون 990 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى ئالاقىدار دائىرىلەر سەيشەنبە كەچتە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش دەرىجىسىنى ئىككىنچى دەرىجىگە كۆتۈرگەن. شۇ كۈنى كەچكىچە پۈتۈن ئۆلكە بويىچە 230 مىڭغا يېقىن كىشى باشقا يەرگە كۆچۈرۈلگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 762 قېتىم كۆرۈلدى
23/06/2022 15:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق