تىك توك شىركىتىنىڭ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى خىتايغا يوللايدىغانلىقى ئاشكارىلاندى

يېقىندا ئاشكارىلانغان بىر قىسىم دەلىل-ئىسپاتلار چەت ئەل نۇسخىسىدىكى تىك توكنىڭ ئامېرىكىدىكى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تۈرلۈك شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى خىتايدىكى باش شىركىتىگە يوللاپ بېرىدىغانلىقىنى پاش قىلدى.

ئالدىنقى كۈنلەردە ئامېرىكىنىڭ خەۋەر تور بېكىتى بازفىد (BuzzFeed) ئامېرىكىدىكى تىك توك شىركىتىنىڭ 80 قېتىملىق ئىچكى يىغىننىڭ ئاۋازلىق خاتىرىسىگە ئېرىشكەنلىكىنى، مەزكۇر ئاۋازلارغا ئاساسلانغاندا، تىك توكنىڭ خىتايدىكى باش شىركىتىنىڭ ئامېرىكىلىق ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئېرىشكەنلىكىنى، ۋاقتىنىڭ بولسا 2021-يىلى 9-ئايدىن بۇ يىل 1-ئايغىچە ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.

خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدىن بىرى بولغان تىك توك ئىزچىل ھالدا خىتاي رېجىمىغا خىزمەت قىلىش، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى خىتايغا تەمىنلەش بىلەن ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە ھىندىستان قاتارلىق بىر نەچچە دۆلەتتە پۈتۈنلەي چەكلەنگەن. ئامېرىكىدىكى تىك توك شىركىتى بولسا بارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئامېرىكىنىڭ ئورىكول شىركىتىنىڭ بۇلۇت سۇپىسىغا ساقلايدىغانلىقىنى، ھېچقانداق ئۇچۇرنى خىتايغا تەمىنلىمەيدىغانلىقىنى، بارلىق سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئامېرىكىدىكى مۇلازىمىتېردا بىخەتەر ساقلىنىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىپ كەلگەنىدى.

نۆۋەتتە تىك توك ئامېرىكىدىكى ياشلارنىڭ ئارىسىدا ئەڭ قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان بولۇپ، تىك توك شىركىتىنىڭ بۇ قىلمىشى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكا بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەندىشىسى قايتىدىن كۈچىيىشكە باشلىغان. بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە قايتىدىن چاقىرىق قىلىپ، تىك توك شىركىتىگە ئىگىدارلىق ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرۈشنى، ئەكسىچە بولغاندا پۈتۈنلەي چەكلەشنى تەلەپ قىلغان.

بايدېن ھۆكۈمىتى بۇلتۇر 6-ئايدا تىرامپ دەۋرىدە يولغا قويۇلغان تىك توك ۋە ئۈندىدارغا قارىتىلغان چەكلىمىنى بىكار قىلغانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 786 قېتىم كۆرۈلدى
23/06/2022 15:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق