نۇرى تۈركەل ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولدى

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان نۇرى تۈركەل ئەپەندى 21-ئىيۇندىن باشلاپ مەزكۇر كومىتېتنىڭ 2023-2022-يىللىق رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى.

ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئادۋوكات، تاشقى سىياسەت مۇتەخەسسىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى، خۇدسون ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشىنىڭ ئەزاسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى 2020-يىلى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارلىقىغا تەيىنلەنگەنىدى ۋە 2021-يىلى ئىيۇن ئېيىدا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەنىدى. ئۇ بۇ قېتىم يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەزكۇر كومىتېتنىڭ 2023-2022-يىللىق رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى مۇھاجىرەتتىكى زور تەسىرگە ئىگە ئۇيغۇرلاردىن بىرى بولۇپ، ئۇ 2021-يىلى خەلقئارا تاراتقۇلاردا دۇنيادىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك 50 رەھبەرنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغاندىن باشقا، 2021-يىلى نوترې دام ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق دىنىي ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇندىن باشقا ئۇ يەنە ئامېرىكىنىڭ «دەۋر» ژۇرنىلى تەرىپىدىن 2020-يىلىدىكى «دۇنيادىكى تەسىرى كۈچلۈك 100 شەخس»نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.

خىتاي رېجىمى بۇلتۇر 12-ئايدا ئامېرىكىنىڭ جازا تەدبىرلىرىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىدىكى نۇرى تۈركەل ئەپەندىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت ئامېرىكا ئەمەلدارىغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 774 قېتىم كۆرۈلدى
23/06/2022 16:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق