ئۇيغۇر قىز ياپونىيە سىياسىي سەھنىسىدە كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىدى

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئۇيغۇر ياشلىرىمۇ تۈرلۈك ساھەلەردە كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىماقتا. بۇنىڭ جۈملىسىدىن ياپونىيەدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇيغۇر قىز ئەرفىيە ئەلى ياپونىيەدە تۇنجى بولۇپ سىياسىي سەھنىگە چىققان ئۇيغۇر بولۇپ قالدى.

ئەرفىيە ئەلى 1988-يىلى ياپونىيەنىڭ فۇكۇكا ناھىيەسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىكىدىن تارتىپ ياپونىيە مائارىپىدا تەربىيەلەنگەن بولۇشىغا قارىماي، ئۇيغۇرچە، خىتايچە ۋە ئىنگلىزچىنى ياخشى بىلىدىكەن. ئۇ ۋاشىنگتوندىكى جورجى تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىدا خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە خەلقئارا سىياسەت كەسپىدە ئوقۇغان. ئوقۇش جەريانىدا تۈرلۈك ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە جەمئىيەتلەردە تەشكىللەش قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرخىل ۋەزىپىلەرگە مەسئۇل بولغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا سىياسەت ئىنستىتۇتى، دۇنيا بانكىسى، ياپونىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى دائىمىي تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىشلىگەن.

نۆۋەتتە ئۇ ياپونىيە پارلامېنتىدا كېڭەش پالاتا ئەزالىقى ئورنىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن سايلامغا قاتنىشىدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلاپ، ياپونىيەدىكى ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەن ۋە ياپونىيەدە سىياسىي ساھەگە قەدەم تاشلىغان تۇنجى ئۇيغۇر بولۇپ قالغان.

ئۇ تىۋىتتېردىكى ئۇچۇرلىرىدا ب د ت دىكى خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ياپونىيەگە قايتىپ كەلگەنلىكى ھەمدە ياپونىيەدىكى ئەڭ ئاساسلىق پارتىيەلەردىن بىرى بولغان لىبېرال دېموكراتىك پارتىيەسى ساھىبخانلىق قىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئۆزىنىڭ بۇ قېتىملىق پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە ئۆزىنىڭ ئائىلە كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا ياپونىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئارزۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە بۇ قارارغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «مەن بىر ياپونىيەلىك ئۇيغۇر. نۆۋەتتە خەلقئارادا ياپونىيەگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئايال تەنھەرىكەتچىلەر ۋە باشقا ساھەدىكى ياشلار ئانچە كۆپ ئەمەس. مەن مۇشۇ بوشلۇقنى ئازراق بولسىمۇ تولدۇرۇشقا ئۆزۈمنى ئاتىماقچىمەن» دېگەن.

«بۈگۈنكى ياپونىيە» گېزىتىنىڭ 20-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ يىل 33 ياشقا كىرگەن ئەرفىيە ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى ھەرخىل ساھەلەردە ئېرىشكەن مول خىزمەت تەجرىبىسى بىلەن سىياسىي سەھنىدە كۆزگە چېلىققان كاندىدات ئىكەنلىكىنى تېزلا نامايان قىلغان. ئۇ مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ: «قىزىقارلىق يېرى شۇكى، كىشىلەر مېنىڭ سىياسىي قارىشىم ھەققىدە ئەمەس، كۆپىنچە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە سوئال سوراۋاتىدۇ. بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن بۇنى توغرا چۈشەندىم» دېگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئەرفىيە مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە «شىنجاڭ» دېگەن نامنى ئىشلىتىشنى قەتئىي رەت قىلىپ كەلگەن ۋە بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا «ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىسلىسىز زۇلۇملار» دېگەن جۈملىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالغانىكەن. ئەرفىيە بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقى تۈپەيلىدىن، بارغانسېرى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ بۇ سايلام رىقابىتىگە قىزىقىۋاتقانلىقىنى، بۇ جەرياندا ياپونىيەدىمۇ «كۆپ خىللىق»قا بولغان مايىللىقنىڭ ئېشىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ بۇ قېتىملىق سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ھەر ساھەدىكى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىنى، شۇنىڭدەك تەڭسىز مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقان بىر مىللەتنىڭ پەرزەنتىدىكى بۇ شىجائەتنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۇچۇر يوللىغان. شۇنداقلا ئۇ ياپونىيەدىكى ئاخبارات ساھەسىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغاپ، ھەرخىل سۆھبەتلەرگە تەكلىپ قىلىنىشقا باشلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، سايلام نەتىجىسى 10-ئىيۇل ئېلان قىلىنىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇ نامزات بولغان لىبېرال دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ سايلامدا ئۇتۇپ چىقىش ئېھتىماللىقى زور دەپ قارالماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 938 قېتىم كۆرۈلدى
24/06/2022 11:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق