پىچان ناھىيەسىدە كۈچلۈك يەر تەۋرىدى

بۈگۈن تۇرپان ۋىلايىتى پىچان ناھىيەسىدە 5.1 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، ھازىرغىچە ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.

خىتاي يەر تەۋرەش ئىستانسىسىنىڭ رەسمىي ئۆلچەپ بېكىتىشىچە، بۈگۈن ئۈرۈمچى ۋاقتى 12 دىن 27 مىنۇت ئۆتكەندە تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ پىچان ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 41.73 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 90.67 گىرادۇس) 5.1 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 25 كىلومېتىر كېلىدىكەن.

بۇ ھەقتىكى خەۋەردە تەۋرەش مەركىزىدىن 20 كىلومېتىر دائىرىدە يېزا ئاھالىسى يوق ئىكەنلىكى، 100 كىلومېتىر ئىچىدە يېزا-بازارنىڭ يوق ئىكەنلىكى، يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ پىچان ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقىنىڭ 135 كىلومېتىر، توقسۇن ناھىيەسى بىلەن 205 كىلومېتىر، غۇلجا بىلەن 264 كىلومېتىر كېلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

خەۋەردە يەنە يەر تەۋرەشتىن كېيىن دائىرىلەرنىڭ قۇتقۇزۇش ئەترىتى تەشكىللىگەنلىكى، ھازىرغىچە ئۆلۈش-يارىلىنىش ۋە ئۆي-ئىمارەتلەر ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ھەققىدە خەۋەر تاپشۇرۇپ ئالمىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي يەر تەۋرەش ئىستانسىسى تورىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن بەش يىلدا يەر تەۋرەش مەركىزىدىن 200 كىلومېتىر دائىرىسىدە ئۈچ بالدىن يۇقىرى توققۇز قېتىم يەر تەۋرىگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقىسى ئەڭ كۈچلۈك تەۋرەش ئىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1214 قېتىم كۆرۈلدى
24/06/2022 11:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق