خىتاي باش ئەلچىسى ئاۋسترالىيەدە كۈچلۈك قارشىلىققا دۇچ كەلدى

خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بۈگۈن سىدنېي پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە، شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىپ كېلىۋاتقان بىر تۈركۈم پائالىيەتچىلەرنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا دۇچ كەلدى.

خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شياۋچيەن 24-ئىيۇن سىدنېي پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئاۋسترالىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى ئىنستىتۇتىدا نۇتۇق سۆزلىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۇنىڭ يانۋار ئېيىدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئاۋسترالىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئاممىۋى مۇنبەرلەردە سۆز قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

شياۋچيەن يىغىندا خىتاي بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى قايتىدىن ياخشىلاش مەسىلىسى ھەققىدە توختالغاندىن سىرت، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك جازا لاگېرىغا قامىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە چۈشەنچە بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلار بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقى، خىتاي رېجىمىنىڭ مۇقىملىق ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىر قوللانغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.

ئۇ نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا ئۇزۇندىن بېرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاكتىپ ئاۋاز چىقىرىۋاتقان ئاۋسترالىيەلىك ياش دىرۇۋ پاۋلو قاتارلىق بىر تۈركۈم پائالىيەتچىلەرنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتىگە دۇچ كەلگەن. ئۇلار نۆۋەت بىلەن يىغىن مەيدانىغا كىرىپ، شياۋچيەننىڭ نۇتقىنى بۆلۈۋەتكەن ۋە «تىبەتكە ئەركىنلىك، شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك، خوڭكوڭغا ئەركىنلىك» دەپ يېزىلغان پىلاكاتنى كۆتۈرۈپ، يىغىن زالىنى ئايلانغان ھالدا يۇقىرىقى شوئارلارنى توۋلىغان.

پائالىيەتچى دىرۇۋ پاۋلو تىۋىتتېر ھېسابىدا بۇ ھەقتىكى ۋىدىيولارنى ئورتاقلاشقان بولۇپ، ئۇ نارازىلىق ھەرىكىتى جەريانىدا خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ بىر دىكتاتور رېجىمغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرىغا قامىغانلىقىنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا خىتاب قىلغان. ئارقىدىن پائالىيەتچىلەر ئامانلىق قوغدىغۇچىلىرىنىڭ ئېلىپ مېڭىشى بىلەن يىغىن زالىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان. يىغىندا خىتاي ئەلچىسى ئۇيغۇرلارنى تېررورىزم ۋە بۆلگۈنچىلىك بىلەن قارىلاۋاتقان ۋاقىتتا، ئاۋسترالىيەلىك ئۇيغۇر بەختىيار ئەپەندى ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلگەن ۋە: «مەن بىر ئۇيغۇر، تېررورچى ئەمەس. ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات» دەپ توۋلىغان. ئامانلىق قوغدىغۇچىلار ئۇنىمۇ يىغىن زالىدىن چىقىرىۋەتكەن.

نارازىلىق ھەرىكىتى جەريانىدا يىغىنغا قاتناشقان خىتايلار قاتتىق بىئارام بولغان بولۇپ، ئۇلار مەزكۇر پائالىيەتچىلەرگە ۋارقىراپ، ئېغىر ھاقارەت سۆزلىرىنى ئىشلەتكەن. دىرۇۋ پاۋلو زالدىن ئايرىلىۋاتقاندا بىر خىتاي ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغان ۋە ئۇنىڭ قولىدىكى پىلاكاتنى تارتىپ، يىرتىۋەتكەن.

دىرۇۋ پاۋلو بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ نارازىلىق ھەرىكىتى ئارقىلىق كىشىلەرگە خىتاي رېجىمىنىڭ يەنە بىر يۈزى بارلىقىنى ئەسكەرتىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ئەلچىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ھەققىدىكى نۇتقىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. بۇ قېتىملىق نارازىلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقان يەنە بىر تىبەت پائالىيەتچى تىۋىتتېر ھېسابىدا: «بىز قارشىلىق كۆرسىتىمىز، تاكى تىبەتلەر ۋە ئۇيغۇرلار خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان زېمىنىنى ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرگۈچە كۈرەش قىلىمىز» دەپ يازغان.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 880 قېتىم كۆرۈلدى
24/06/2022 12:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق