تاراتقۇلار: مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇنى يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ

ئامېرىكىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» 21-ئىيۇندىن تارتىپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، بىر قىسىم تاراتقۇلار بۇنىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرى ۋە ئىستېمالچىلارغا كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش قىلمىشىغا قارشى يولغا قويۇلغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بۇ ھەپتە ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغاندىن كېيىن، نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ 23-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە مەزكۇر قانۇننىڭ دۇنيادىكى نۇرغۇن مەھسۇلاتلارغا تەسىر قىلىشى مۇمكىنلىكىنى، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى خام ئەشيالارنى ئىشلىتىدىغان ياكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق، دەپ قارىلىدىغان مەھسۇلاتلارغا، ھەتتا ئاخىرقى ھېسابتا شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن خام ئەشيادىن پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارغىچە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»غا ئاساسەن، بارلىق شىركەتلەر ئىمپورت قىلىنغان ماللارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ياسالمىغانلىقىنى ياكى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا چېتىشلىق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرمىگۈچە، ئامېرىكا تاموژنىسىدا توختىتىپ قويۇلىدۇ.

تەمىنلەش زەنجىرى تېخنىكا شىركىتى «Altana AI»نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئېۋان سىمىسنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ شىركىتىنىڭ ھېسابى بويىچە بولغاندا، پۈتۈن دۇنيادىكى سېتىۋېلىش، سېتىش ياكى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 10 مىليونغا يېقىن شىركەت-كارخانىنىڭ تەخمىنەن بىر مىليونى مەزكۇر قانۇننىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن. بۇ خۇددى دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەك ئىش بولۇپ، مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ چېتىلىش دائىرىسى دۇنيادىكى بارلىق كۈندىلىك بۇيۇملارنىڭ زور بىر قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

بايدېن ھۆكۈمىتى بۇ قانۇننى تولۇق ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇ ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ زور مىقداردىكى ئىمپورت قىلىنغان ماللارنى تۇتۇپ قېلىشى ياكى قايتۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. بۇ خىل ئەھۋال كارخانىلارنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەگەر كارخانىلار قىممەت باھالىق ماللارنى تېپىشقا مەجبۇرلانسا ياكى ئىستېمالچىلىرى كەمچىل بولغان مەھسۇلاتلارنى تاللاشقا باشلىسا، بۇ 40 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن نۆۋەتتىكى پۇل پاخاللىقىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەمما مەزكۇر قانۇن تولۇق ئىجرا قىلىنمىغان تەقدىردە، پارلامېنتنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىشى مۇمكىن ئىكەن.

سانلىق مەلۇمات ئانالىز شىركىتى «Karon»نىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي دۇنيادىكى ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ %40 تىن كۆپرەكىنى، پەمىدۇر قىيامى تۆتتىن بىرىنى، پاختا بەشتىن بىرىنى ئىگىلەيدىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 990 قېتىم كۆرۈلدى
24/06/2022 12:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق