ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى خىتايغا قارشى ئىتتىپاق تۈزۈش تەكلىپىنى سۇنماقچى

ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى پات يېقىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان تىنچ ئوكيان ئاراللىرى مۇنبىرىدە باشقا دۆلەتلەرنى خىتايغا قارشى ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئورتاق قارشى تۇرۇشقا چاقىرىشنى پىلانلىغان.

ئاۋسترالىيە خەۋەرلىرى تورىنىڭ 24-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى ئانتونى ئالبانېسنىڭ پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان تىنچ ئوكيان تاقىم ئاراللىرى مۇنبىرىدە رايون رەھبەرلىرىنى تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى تەلەپ قىلىش باھانىسى بىلەن رايوندا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرىق قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى سولومون تاقىم ئارىلى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بىخەتەرلىك كېلىشىمىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس دەپ قارىغانلىقى سەۋەبلىك، تىنچ ئوكياندىكى دۆلەتلەر كوللېكتىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، سولومون تاقىم ئارىلى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى چەكلىمەكچى بولغان. ئالدىنقى ئايدا تىنچ ئوكياندىكى 10 دۆلەتنىڭ خىتاي بىلەن بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تۈزۈش تەكلىپىنى رەت قىلغانلىقى ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنى خۇشال قىلغان بولۇپ، مەزكۇر مەسىلىدە قارار چىقىرىشتىن بۇرۇن رايوندىكى دۆلەتلەر كەڭ دائىرىلىك مۇزاكىرە قىلىشى كېرەك ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان تىنچ ئوكيان ئاراللىرى مۇنبىرىگە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن بىرگە قاتنىشىدىكەن. ھۆكۈمەت تىنچ ئوكيان رايونىدا ئۆز خەرىتىسىنى سىزىش ئۈچۈن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما تىنچ ئوكياندىكى دۆلەت رەھبەرلىرىنى خىتاينى قاتناشتۇرمىغان ھالدا، رايون بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا بىردەك تونۇشقا كېلىشكە چاقىرىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋسترالىيەنىڭ بىر نەچچە كېڭەش پالاتا ئەزاسى سايلامدىن بۇيان تىنچ ئوكياندىكى بەش دۆلەتنى بىر-بىرلەپ زىيارەت قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ تىنچ ئوكياندا تەسىر كۈچىنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى پىلانلىغانلىقىنى، بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنى بىرلەشتۈرگەن تەقدىردە، خىتايدىن ئىبارەت بۇ قارا نىيەتلىك چوڭ كۈچ بىلەن باشقىچە ئالاقە يولى شەكىللەندۈرەلەيدىغانلىقىنى، تىنچ ئوكيان رايونى ۋەزىيىتىنىڭ ئىلگىرىكىدەك بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 925 قېتىم كۆرۈلدى
25/06/2022 11:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق