خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى جامبۇلاق ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ گۇچۇڭ ناھىيەسىدە يېڭىدىن قۇرۇلغان پۇقراۋى ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشىنى تېزلەتكەن بولۇپ، نامىنى ئەسلىدىكى «شەرقىي جۇڭغار ئايرودۇرۇمى»دىن «گۇچۇڭ جامبۇلاق ئايرودۇرۇمى»غا ئۆزگەرتكەن.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 24-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گۇچۇڭ ناھىيەسىگە جايلاشقان گۇچۇڭ جامبۇلاق ئايرودۇرۇمى خىتاي خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ 13-بەش يىللىق پىلانىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. خىتاي بۇ قارارلىق قۇرۇلۇش ئارقىلىق 2030-يىلى يولۇچى توشۇش مىقدارىنى 470 مىڭ ئادەم قېتىمغا، يۈك توشۇش مىقدارىنى 1000 توننىغا يەتكۈزۈشنى نىشان قىلغان.

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىش ھەققىدە بىر يۈرۈش پىلانلارنى تۈزگەن بولۇپ، مەزكۇر پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئاتالمىش «شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى» مەسئۇل بولغان. مەزكۇر گۇرۇھ پىلانغا ئاساسەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايىنبۇلاق، گۇچۇڭ، تاشقورغان، باركۆل، موڭغۇلكۈرە، كېرىيە قاتارلىق ناھىيەلىرىگە يېڭىدىن ئايرودۇرۇم سالماقچى بولغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇش ئۈچۈن ئۈچ مىليارد 190 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتقان. ئۇندىن باشقا خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا، ئاقسۇ، قەشقەر، تۇرپان قاتارلىق ۋىلايەتلەردىكى ئايرودۇرۇملارنى كېڭەيتىشنى پىلانلىغان. ئايرودۇرۇملارنىڭ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى 2020-يىلى 8-ئايدا باشلانغان بولۇپ، بۇ جەرياندا غۇلجا ئايرودۇرۇمى كېڭەيتىلىپ، خەلقئارالىق تاموژنا ئورنىدا ئىشلىتىلىشكە باشلىغان.

خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، جامبۇلاق ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشى گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ جامبۇلاق مەنزىرە رايونىغا خىتاي ساياھەتچىلەرنى چاقىرىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق خىتاي ئاققۇنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كېلىشكە رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئاخىرقى ھېسابتا شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل نىيىتىگە يېتىشنى پىلانلىغان. نۆۋەتتە گۇچۇڭ جامبۇلاق ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشى داۋاملاشماقتىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە مەزكۇر ئايرودۇرۇمدا 2023-يىلى 8-ئايدا قاتناش باشلىنىدىكەن.

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ، ياشلارنى خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە باشقا رايونلارغا سۈرگۈن قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئازايتىپ، ئورنىغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى يەرلەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلەتمەكتە. شۇنداقلا ھاۋا قاتنىشى، تۆمۈر يول ۋە تاشيوللارنى كېڭەيتىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش سالمىقىنى بارغانسېرى ئاشۇرماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1338 قېتىم كۆرۈلدى
25/06/2022 12:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق