ئەقىل ئامبىرى: ئامېرىكا خىتاي بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك توقۇنۇشۇشقا تەييارلىنىشى كېرەك

ئامېرىكىدىكى بىر ئەقىل ئامبىرى ئامېرىكىنىڭ خىتاي تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلغان تەقدىردە، كېلىپ چىقىدىغان ئەڭ ئېغىر توقۇنۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 23-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋاشىنگتونغا جايلاشقان ئەقىل ئامبىرى «كارخانا تەتقىقات مەركىزى» يېڭىدىن نەشر قىلغان «تەيۋەننى قوغداش» ناملىق كىتابىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلغان تەقدىردە، قىسقا ۋە رايون خاراكتېرلىك ئۇرۇش بولىدۇ، دەپ خاتا مۆلچەرلەۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىنتايىن ئۇزۇن داۋاملىشىدىغان توقۇنۇشقا تەييارلىق قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەزكۇر ئورگاندىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، كىشىنى ئەڭ ئەندىشىگە سالىدىغان ئەھۋال ئاستىدا، بېيجىڭ تەيۋەنگە تۇيۇقسىز باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قوزغايدىكەن. خىتاي ھۇجۇمدا تەيۋەننىڭ مۇداپىئە لىنىيەسىگىلا ئەمەس، يەنە غەربىي تىنچ ئوكيانغا جايلاشقان بىر نەچچە چوڭ بازىدىكى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ۋە ھاۋا ئارمىيەسىگە زەربە بېرىدىكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ غەربىي تىنچ ئوكياندىكى توقۇنۇشى قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئاخىرلاشمايدىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، كۆپ يىللاردىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ سىياسىتى تەيۋەن بوغۇزىدىكى ھەربىي توقۇنۇشنى توسۇش بىلەن بىرگە، خىتاي تۇيۇقسىز تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە كېلىپ چىقىدىغان توقۇنۇشقا پۇختا تەييارلىق قىلىش بولغان. ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى يەنە بېيجىڭنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان ئىغۋاگەرچىلىك سۆزلىرى ۋە ھەرىكەتلىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سابىق تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ھۆججىتىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ مەمۇرىي ئەمەلدارلىرى ئىلگىرى ئامېرىكا ئارمىيەسىگە تەيۋەننى قوغداش ئۈچۈن كونكرېت پىلان تۈزۈش ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، بايدېن ھۆكۈمىتىدىكى مۇھىم ئەمەلدارلارمۇ بېيجىڭنى ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۈچ ئىشلەتمەسلىك ھەققىدە كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرغان.

ئامېرىكدىكى بىر ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلغان تەقدىرىدە، ئامېرىكىلىقلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننى قوغداش ئۇرۇشىنى قوللايدىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 961 قېتىم كۆرۈلدى
25/06/2022 12:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق