تۈركىيەدىكى داڭلىق ئۆلىما مەھمۇد ئۇستائوسمانئوغلى ۋاپات بولدى

تۈركىيەدە زور تەسىر كۈچكە ئىگە، پۈتۈن ئۆمرىنى ئىسلامىي ئىلىم ئۆگىتىش، يېزىش ئىشلىرىغا بېغىشلىغان داڭلىق تۈرك ئۆلىما مەھمۇد ئۇستائوسمانئوغلى 23-ئىيۇن 93 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ جىنازا نامىزى جۈمە نامىزىدىن كېيىن، ئىستانبۇلدىكى فاتىھ جامەسىدە چۈشۈرۈلدى.

مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزىغا تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغان، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرى، مەشھۇر ئىسلام ئۆلىمالىرى ئىشتىراك قىلغاندىن سىرت، تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۈچ مىليونغا يېقىن كىشى قاتنىشىپ، فاتىھ رايونىنى ئادەم دېڭىزغا ئايلاندۇردى.

جىنازا نامىزىدا پىرېزىدېنت ئەردوغان سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدە مەھمۇد ئەپەندىنىڭ تەبلىغلىرىنى ئاڭلىغانلىقى، كېيىن ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقانلىقىنى، مەرھۇمنىڭ ھايات ۋاقتىدا پەرز، سۈننەتلەرگە ھەرگىز سەل قارىمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئاخىرەتلىكىنىڭ خەيرلىك بولۇشىنى تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىمۇ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، مەرھۇمنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا قوشقان تۆھپىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ۋە تەزىيە بىلدۈردى.

تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئىسلامىي جامائەتلەردىن بىرى بولغان ئىسمائىل ئاغا جامائىتىنىڭ شەيخى مەھمۇد ئۇستائوسمانئوغلى ئۆمرىدە بىر نەچچە داڭلىق مەسچىتتە خاتىپ بولۇپ، جامائەتنى يېتەكلىگەندىن باشقا، ئىلىم ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا ئۆزىنى ئاتاپ، ئۆمرىدە نەچچە مىڭلىغان ئۆلىما-تالىپلارنى يېتىشتۈرگەن.

مەھمۇد ئەپەندى ئىلىم ۋە تەتقىقات ساھەسىدىمۇ كۆپ ئىجتىھات قىلغان بولۇپ، تەپسىرشۇناسلىق ساھەسىدە ئۈنۈملۈك خىزمەتلەردە بولغان. ئۇ «روھۇل فۇرقان» ناملىق تەپسىرنى باشلىغىنىغا بىر نەچچە يىل بولغان بولۇپ، يېقىندا مەزكۇر تەپسىرنىڭ 19-جىلدىنى يېزىپ پۈتتۈرگەن. مەرھۇم ئەسلىدە مەزكۇر تەپسىرنى 54 جىلد قىلىپ پۈتتۈرۈشنى نىيەت قىلغان بولسىمۇ، بۇنى تاماملاشقا ئۆمرى يار بەرمىگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4041 قېتىم كۆرۈلدى
25/06/2022 12:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق