يەنە بىر ئۇيغۇر خانىم ياپونىيەدە سايلام رىقابىتىگە قاتناشماقتا

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردە سىياسەتكە ئاكتىپ قەدەم تاشلىغان ئۇيغۇرلارمۇ ئارقا-ئارقىدىن چىقماقتا.

نۆۋەتتە ياپونىيەدە سايلام  يېقىنلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئەرفىيەدىن باشقا يەنە بىر ئۇيغۇر خانىم - گۈلىستان ئەزىز ياپونىيەدىكى ئوڭچىلار پارتىيەسى بولغان كۇنى مورىتو پارتىيەسىنىڭ كاناگاۋا ئۆلكىسىدىكى پارلامېنت ئەزالىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشماقتا ۋە ياپونىيەدىكى ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە قوللىشىغا ئېرىشمەكتە.

گۈلىستان خانىم 90-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ياپونىيەگە كەلگەن كۆچمەنلەردىن بولۇپ، ئۇ سايلام رىقابىتىدىكى بارلىق نۇتۇقلىرىدا خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ۋە خىتاينىڭ ياپونىيە ئۈچۈن قانچىلىك ئېغىر تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە ۋە كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا، بۈگۈنكى ياپونىيەنىڭ ئەتىكى شەرقىي تۈركىستان بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيەدىكى سايلام نەتىجىسى 10-ئىيۇل ئېلان قىلىنىدىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1319 قېتىم كۆرۈلدى
25/06/2022 12:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق