يەتتە دۆلەت گۇرۇھى «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانىغا قارشى زور مەبلەغ ئاجرىتىشقا كېلىشتى

يەتتە دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى بەش يىل ئىچىدە 600 مىليارد دوللار جۇغلاپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىگە مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىغا تاقابىل تۇرۇشقا ۋەدە بېرىشتى.

G7 گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى نۆۋەتتە گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر يىغىندا «يەرشارى ئۇل ئەسلىھە ۋە مەبلەغ شېرىكلىك مۇناسىۋىتى» تەشەببۇسى قوزغىتىلغان. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بەش يىل ئىچىدە ئىئانە، فېدېراتسىيە مەبلىغى ۋە شەخسىي مەبلەغ قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، 200 مىليارد دوللار جۇغلايدىغانلىقىنى، بۇلارنى ئوتتۇرا-تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەرنى قوللاشقا سەرپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېنمۇ يىغىندا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەزكۇر تەشەببۇسقا ئاۋاز قوشۇپ، ئوخشاش مۇددەتتە 300 مىليارد دوللار مەبلەغ جۇغلايدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق خىتاي ئوتتۇرىغا چىقارغان «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىنىڭ ئورنىنى باسىدىغان لايىھە تۈزۈپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يىغىندا ئىتالىيە، كانادا ۋە ياپونىيەنىڭ دۆلەت رەھبەرلىرىمۇ بۇ ھەقتىكى پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي رېجىمى 2013-يىلى ئوتتۇرىغا چىقارغان «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانى پۈتۈن دۇنيادىكى يۈزدىن ئارتۇق دۆلەتكە چېتىلىدىغان بولۇپ، خىتاي بۇ پىلان ئارقىلىق قەدىمىي يىپەك يولىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىپ كەلمەكتە. ئەمما ئامېرىكا قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەر مەزكۇر سودا پىلانىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە. شۇنداقلا خىتاينىڭ قەرز قىلتىقى ئارقىلىق ئاجىز دۆلەتلەردىكى مۇھىم ساھە ۋە ئورۇنلارنى قولغا كىرگۈزۈۋالغانلىقىمۇ بارا-بارا دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ، كۈچلۈك تەنقىدكە دۇچ كەلمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 838 قېتىم كۆرۈلدى
27/06/2022 11:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق